كوندىلىزا رايس كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.30
2008.06.30
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۇرسنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا نازارىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۇرس 16 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلانغان.
مەلۇم بولىشچە، بۇ شۇ خىلدىكى كۇرسلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇنجى قارار ئېچىلىشى بولۇپ، كۇرسقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن 19 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قاتناشقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كۇرسانتلارغا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دىنىي ۋە مىللي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتكەن ھەمدە خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قىسىم سىياسەت ھەمدە چەتئەللىكلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن لىكسىيە سۆزلىگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2001 - يىلى 15 - ئىيۇن رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى ئاسىيادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ھازىرچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.