ب د ت ئاشلىق كرىزىسى ھەققىدە پۈتۈن دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق مەھكىمىسى ۋفپ 22 ‏ - ئاپرېل كۈنى پۈتۈن دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، دۇنيادا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك تېز ئۆرلەپ كېتىشى، بۇنىڭدىن كېيىن يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-04-23
Share

 ب د ت ئېلان قىلغان خەۋەردە، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئاشلىق كرىزىسىنى ھىندى ئوكياندا 2004 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن دېڭىز چاپقۇنىغا ئوخشىتىپ ئۈن - تۈنسىز دېڭىز چاپقۇنى'دەپ تەسۋىرلىدى.

ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى جوزېت شىران دۇنيادا ھازىرقىدەك بارغانسىرى ئېغىرلاۋاتقان ئاشلىق كرىزىسىنى 45 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋەقە، دەپ كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى بۇ ۋەقە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبرت زۇلىك ئەپەندى بۇ يىل 6 ‏ - ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان تەرەققى قىلغان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇئو فۇكۇدا دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان يېمەكلىك كرىزىسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت