ب د ت ئېلان قىلغان خەۋەردە، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئاشلىق كرىزىسىنى ھىندى ئوكياندا 2004 - يىلى يۈز بەرگەن دېڭىز چاپقۇنىغا ئوخشىتىپ ئۈن - تۈنسىز دېڭىز چاپقۇنى'دەپ تەسۋىرلىدى.
ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى جوزېت شىران دۇنيادا ھازىرقىدەك بارغانسىرى ئېغىرلاۋاتقان ئاشلىق كرىزىسىنى 45 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋەقە، دەپ كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى بۇ ۋەقە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبرت زۇلىك ئەپەندى بۇ يىل 6 - ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان تەرەققى قىلغان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇئو فۇكۇدا دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان يېمەكلىك كرىزىسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، دېگەن.