چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.23
2008.08.23
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەت پائالىيەتچىلىرى ۋە بەزى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى بېنويىت ھەرۋيي شەنبە كۈنى پارىژدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بىشارەت مەۋجۇت ئەمەس" دېدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا، 47 تىبەتلىك پائالىيەتچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ئاز دېگەندە 50 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نەزەربەنت قىلىنغان ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى نەتىجىسىدە بېيجىڭدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان مۇئامىلە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئاچچىق بىر خاتىرىسى بولۇپ قالىدىكەن.