مارسقا قونغۇچى ئۈسكۈنە "قېقىنۇس" فوتو سۈرەتلەرنى ئەۋەتىشكە باشلىدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مارسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوللىغان " قېقىنۇس" ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەكشەنبە كۈنى مارسنىڭ شىمالى قۇتۇپىغا بىخەتەر قونغان بولۇپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن"قېقىنۇس" مارسقا ئائىت فوتو سۈرەتلەرنى ئەۋەتىشكە باشلىغان.

مارسقا قونغۇچى ئۈسكۈنە "قېقىنۇس"، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى پاسادېنا رايونىغا جايلاشقان رېئاكتىپ راكېتا تەجرىبىخانىسى باش بولۇپ، ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەمدە 2007 - يىلى ئاۋغۇستنىڭ 4 - كۈنى فلورىدا شتاتىغا جايلاشقان كاپې كاناۋېرال ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن، دېلتا 2 تىپلىق راكېتا بىلەن مارسقا يوللانغان بولۇپ، مەزكۇر ئۈسكۈنە 10 ئاي ئىچىدە 680 مىليون كىلومېتىرلىق مۇساپىسىنى تاماملاپ، 2008 - يىلى 25 - ماي ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 19دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە مارس يۈزىگە قونغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.

ماشىنا ئادەمسىمان ئەسۋابلار سەپلەنگەن بۇ ئۈسكۈنە 7 پۇت ئېگىزلىكتە، 409 قاداق ئېغىرلىقتا بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مارس يۈزىدە بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىپ، سۇ - مۇز قاتلىمى ۋە مارستىكى ھاياتلىق مەنبەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ ئۈسكۈنە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1999 - يىلى مارسقا يوللاپ غەلىبە قازىنالمىغان " مارسقا قونغۇچى " ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا مارس پەن - تېخنىكا تەجرىبىخانىسى تەرىپىدىن ياسالغان.