سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يىغىنى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيىگە جەم بولغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، فرانسىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يەكشەنبە كۈنى قارار قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا يۈزىدە كۆرۈلۈۋاتقان ماي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.08

 ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قاتارلىق سەككىز سانائەت دۆلىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيا ئېنېرگىيىنىڭ 3 تىن ئىككى قىسىمىنى بۇ دۆلەتلەر ئىشلىتىدىكەن. مىنىستىرلار بىردەك ھالدا يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش ئۇسۇللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ماي باھاسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
 جۈمە كۈنى خەلقئارا بازاردا ماينىڭ باھاسىنىڭ بىر تۇڭى 139 دوللارغا چىققان ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە سەككىز سانائەت دۆلىتى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس خىتاي، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورىيە ئېنېرگىيە رەھبەرلىرىمۇ سىرتتىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
 
نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا ماي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئائىلە بويىچە ئاپتوموبىل ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرغان بولۇپ، ماي باھاسى مەسىلىسى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا چېتىشلىق مۇھىم تېمىغا ئايلانغان. سەككىز سانائەت دۆلىتى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشقان بولۇپ، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان دۆلەت بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا. يىغىندا يەنە تولۇقلىما ئېنېرگىيە بەرپا قىلىش ۋە ماي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.