ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇزۇندىن بېرى، خىتاي ھەققىدە بىر تەرەپلىمە، خاتا خەۋەر بېرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە " بىز، چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلىمىز. توغرا بولمىغان بۇ خەۋەرلەر خىتاي خەلقىنىڭ شۇنىڭدەك تەرەپسىز چەتئەل مەتبۇئاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا" دېگەن. لېكىن ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قايسى خەۋىرىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مىسال بەرمىگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ باياناتچىسى، سارا جەكسىنھان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا، تىبەتتىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ خەۋەرنى دۇنياغا تارقاتقانلىقىنى ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.