ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات چىۋىق ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ

ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئەللىرىدىكى پولات سېتىش ئوبوروتى بىر ھەسسە ئاشقان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ خىل ھالەت ياۋروپادىكى پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ سودىسىغا زىيان كۆرسەتكەن بولغاچقا، پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ياۋروپا بازارلىرىدا پولات باھاسىنى قانۇنسىز ھالدا تۆۋەنلىتىپ ساتقان بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا ئۆز پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ تۆكمە قىلىپ سېتىپ خەلقئارالىق سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بەش يىللىق سودا جازاسى قويىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈلىدىغان دۆلەت ئىچىدە تۈركىيە ۋە مولداۋىيەلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش 2007 - يىلى 1 - ئاپرېلدىن بۇ يىل 31 - مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان پولات چىۋىق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان سودىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپتە 159 مىليارد ياۋرۇ پاسسىپ بالانس كۆرۈنگەن، نەتىجىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا بازاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ ياۋروپا ماللىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا قىستىغان ئىدى.