ياۋروپا كومىتېتىنىڭ 9 نەپەر كومىسساردىن تەشكىللەنگەن بارروسو يېتەكچىلىكىدىكى زىيارەت ئۆمىكى كېلەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى بېيجىڭدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشىدىغان زىيارەت ئۆمىكى يەنە، خىتايلار بىلەن سودا ۋە يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆزلىشىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەڭ شىددەتلىك تەنقىد قىلغان خەلقئارا گەۋدىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن ياكى ۋاز كېچىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ زىيارەت ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن " پرېزىدېنت بارروسو خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ياشلار فېستىۋالى - ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان تۇرۇپمۇ، باستۇرۇش ۋە قىزىققانلىقتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە قارشى تىغمۇ - تىغ تۇرماقچى."