بېيجىڭدىكى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈۋېتىلگەن 20 گە يېقىن كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.08.04
2008.08.04
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، مەشچى ليۇ فۇمىي ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىككە قارشى ئەمەسلىكىنى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى چىقىۋېتىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىشچىلارنىڭ ئۆيلىرى جايلاشقان مەركىزى بېيجىڭ رايونىغا ھازىر خەلقئارالىق داڭلىق ماركا سودا سارايلىرى سېلىنغان زامانىۋى سودا رايونى بەرپا قىلىنغان.
نامايىشچى ما شىيۇلەن، مەزكۇر رايوندا سودا رايونى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلارنىڭ ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ماكانلىرىنى تارتىۋېلىشقا ھەققى يوق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئولىمپىك ئۈچۈنلا ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىماسلىققا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلارغا ساقچىلار توسقۇنلۇق قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئائىلىلىكلەر كومىتېتى خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن.