تەيۋەن ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا تەيۋەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشتىن، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن بىر نەچچە مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋالىدىغان پىلانىنى تەستىقلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.30

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانى تىموتېي كىتىڭ، گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانى توڭلىتىلدى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر جورج بۇشنىڭ بۇ پىلاننى قايتىدىن ئويلۇشىۋاتقانلىقىنى تەيۋەن قانۇن پالاتاسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ جىنپىڭ ئاشكارىلاپ قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا 23 دۆلەت ئېتىراپ قىلىۋاتقان تەيۋەن، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. گەرچە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق 1949 ‏ - يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى يەنىلا ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاپ ھەتتا تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.