ما يىڭجۇ گومىنداڭنىڭ 'ئاق تېررورلۇق' جىنايىتى ئۈچۈن تەيۋەن خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۈگۈن تەيبېي باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، گومىنداڭ تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە 'ئاق تېررورلۇق' يۈرگۈزۈپ، سىياسى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن يەرلىك خەلقتىن ئەپۇ سورىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ۋەدە بەردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.16

 رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ما يىڭجۇ سۆزىدە، گومىنداڭ تەيۋەندە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن تەيۋەنلىكلەردىن 140 مىڭ ئادەم قىرىپ تاشلانغان ۋە تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ما يىڭجۇنىڭ بۇ سۆزى تەيۋەندىكى رادىئو - تېلېۋىزىيىلەردە تولۇق تېكىستى بىلەن ئاڭلىتىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گومىنداڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا 1930 ‏ - يىللاردىن 40 ‏ - يىللارغىچە بولغان بىر تارىخىي دەۋردە 22 يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ئاخىر ماۋزېدۇڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندا تەيۋەننى ئىگىلىۋالغان.

شۇنىڭدىن كېيىنلا تەيۋەندە 'ئاق تېررورلۇق' يۈرگۈزۈپ، دېموكراتىيىنى ۋە مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق جازالىغان. تەيۋەن 1980 ‏ - يىللاردا دېموكراتىيە يولىغا ماڭغاندىن كېيىن، تەيۋەندە ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى قانۇنلاشتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.