ماي ئېيىدا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى، يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يىڭجۇغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن، ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، 15 يىلىدىن بېرى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە ھەر قانداق چاغدا خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇنداق ھەربىي مانېۋىرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
مارت ئېيىدا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يىڭجۇ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ما يىڭجۇ 20 - ماي كۈنى، چىن شۈيبيەندىن تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.