خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەتكە يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتقىدا دالاي لامانى ئالاھىدە تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بېيجىڭدىن سىياسەت بىلەن تەنتەربىيىنى ئايرىپ قارىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-06-26
Share

 ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ تەرەپ دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ لخاسادا يۈز بەرگەن 14 ‏ - مارت زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، دالاي لامانىڭ تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزى بار دەپ ئەيىبلىگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى سىياسەت بىلەن تەنتەربىيىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى ھەمدە " جۇڭگو تەرەپ ئولىمپىكنىڭ سىياسىيلاشتۈرۈلۈشىگە قەتئىي قارشى، جاڭ چىڭلىنىڭ سۆزى ئولىمپىك ئۈچۈن مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق مۇھىتى ئېلىپ كېلىدۇ،" دېدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت