ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ تەرەپ دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ لخاسادا يۈز بەرگەن 14 - مارت زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، دالاي لامانىڭ تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزى بار دەپ ئەيىبلىگەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى سىياسەت بىلەن تەنتەربىيىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى ھەمدە " جۇڭگو تەرەپ ئولىمپىكنىڭ سىياسىيلاشتۈرۈلۈشىگە قەتئىي قارشى، جاڭ چىڭلىنىڭ سۆزى ئولىمپىك ئۈچۈن مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق مۇھىتى ئېلىپ كېلىدۇ،" دېدى.