بېيجىڭ دائىرىلىرى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.01
2008.08.01
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇنىللا لىندبېرگ بۇ"مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقى"، " ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ساھىپخانلىرى پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇچرىشىپ، ئىنتېرنېتنىڭ بۇرۇنقى ئولىمپىك يىغىنلىرىغا ئوخشاش ئىشلىتىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئاز قالغاندا چەتئەلدىكى بەزى ئۆكتىچى تور بېكەتلىرىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، مەتبۇئات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى توساپ قويغانلىقى زور غۇلا - غۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. جۈمە كۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايلار خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىنى ئېچىۋېتىشكە قوشۇلغان. لېكىن بۇ تور بېكەتلەر ئولىمپىك مەزگىلىدە مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ شۇنداقلا فالۇنگۇڭ، تىبەت سەرگەردانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمە بىكار قىلىنمايدۇ.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كەۋىن گوسپېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "ئاغدۇرمىچى ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە قارشى" دەپ قارىغان بەزى تور بېكەتلىرىنى داۋاملىق چەكلەيدىكەن.
كەۋىن گوسپېر پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئىلگىرى خىتايلار بىلەن چەكلىمە توغرىسىدا پىكىرلەشكەنلىكى، بۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر قىلىنمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. لېكىن ئولىمپىك كومىتېتى خىتايلار بىلەن چەكلىمە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى رەت قىلماقتا.