خىتاي تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى كۆزىتىشنى كۈچەيتتى

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى "قورال - ياراق، پارتلىغۇچ بۇيۇملار، پىچاق ۋە باشقا جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت سالىدىغان نەرسە - كېرەكلەرنى مەزكۇر مەيدانغا ئېلىپ كىرمەسلىك توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان.

خەۋەر كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە ئالدىنقى ئايدا تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 5 - ماي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تيەنئەنمېن مەيدانى ئىچىگە توختىتىلغان قاتناش قوراللىرى ۋە ئادەملەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويماستىن ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ جايغا توپلاشقان ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۇچۇن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە مەزكۇر بەلگىلىمىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تيەنئەنمېن مەيدانى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى، 89 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر قاتار نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان، سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر مەيداندا يەنە ئولىمپىك يىغىنىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغان بولغاچقا، مەزكۇر مەيدانغا بولغان باشقۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىكەن.

ھازىر خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8 - ئاۋغۇستتىن 24 - ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى تەكشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ يازدا چەتئەللەردىن خىتايغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ ۋىزا ئېلىش رەسمىيەتلىرىگە قويۇلىدىغان چەكنى كۈچەيتكەن.