خىتاي باش ئەلچىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە سەل قاراۋاتىدۇ دەپ تەنقىد قىلىپ، پاكىستاندا خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان پودپولكوۋنىكى غۇلام سەرۋەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پاكىستاندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامىي ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا بايان بەرگەنلىكى، مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بېرى پاكىستان -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى يىراقلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇنسۇرلارنىڭ، خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچسىزلىك يارىتىش پائالىيەتلىرىدە غەلىبە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.
ماقالىسىدە، پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پاكىستاندىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ، پاكىستاندا خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركسىتان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە، ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلىرىنى پاكىستانغا ئەمەس، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاشقا باشلىغان غەرب دۆلەتلىرىگە ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارغا قارىتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.