ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي تىلى بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئۇچۇر بېرىشىگە قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بېيجىڭدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتتە بولۇشى قاتمۇ - قات توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن.
شۇنداقلا بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بېيجىڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغاندىن باشقا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىرلەرنىڭ ياكى خىتاينىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى تۈرلۈك ۋاستىلار بىلەن قامال قىلىنغان.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى،ئولىمپىك جەريانىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بەلگىلىگەن بىخەتەر دائىرىدە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىدىن نارازى بولماقتا ئىكەن.
بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە،ئولىمپىك مۇخبىرى كىنىشكىسى بار بولغان مۇخبىرلارنىڭمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆرەت تارتىشى چەكلەنگەن. ئادەتتىكى زىيارىتىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئەگەر چەتئەل مۇخبىرلىرى چەكلەنگەن دائىرىدىن سىرت زىيارەت ئېلىپ بارسا، ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىپكە ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر تارقىتىشىچە، دۈشەنبىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكى ۋە مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا،ئەسلىدىنلا خىتايدا كەڭ تۈردە تارقىتىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگىتون پوچتىسى، كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى، تايلاند خەۋەرلىرى، كورىيە كۈندىلىك خەۋەرلىرى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى ھەم چەتئەل گېزىت - ژۇرناللىرىنىڭ بېيجىڭدا سېتىلىشى تا 9 - ئاينىڭ 24 - گىچە چەكلەنگەن، بەزى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىشى پۈتۈنلەي توختىتىلغان.