رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايغا نەشر قىلىنىدىغان جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت نامايىشقا چىققانلار ميەنجۇ شەھىرى فۇشىن 2 - باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆلۈپ كەتكەن 127 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا، مەزكۇر شەھەر پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جياڭ گوخۇا يەرگە تىزلىنىپ، نامايىشچىلاردىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى ھەمدە نامايىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ميەنجۇ شەھىرى دېياڭ شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، كېيىن ميەنجۇ شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نامايىشچىلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ جىنمىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يەرتەۋرەشتە شەخسىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بارلىق ھادىسىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەرتەۋرەشتە مەكتەپ بىنالىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارىدىغانغا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىدىكى خادىملارنى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە بەلگىلىگەن ئىدى.
ئەمما نامايىشچى ئاتا - ئانىلار مەزكۇر مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، مەزكۇر يەرتەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 65مىڭ 80گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 6 مىڭ 581 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.