ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە سۆھبەتلەر

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا بولۇپمۇ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا ئاجايىپ كاتتا بۇرۇلۇش، دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ ئىشلار ئارقا – ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىقىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرى، كۇئىنلۇن باغرى، ئىلى ۋادىلىرى، تۇرپان ئويمانلىقى، قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزى ۋە دۇنياغا قايتىدىن نەزەر تاشلاشقا باشلىغان يىللار بولدى.
2011-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Oyghan

ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يولباشچىلىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئاكا – ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپىرىدە بولۇشقا باشلىغان مائارىپ – ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە مەكتەپلەر بۇ پارلاق دولقۇننىڭ ئەڭ تۈرتكىلىك كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

ئەپسۇسكى، بۇ قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىمۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە باسقۇنچى كۈچلەرنىڭ غالجىرلىقى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مۇقەددەس ئىتتىپاق ئەھدىنامىلىرى تۈزۈشكەن مۇتەئەسسىپ قارا كۈچلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشىغا دۇچار بولدى. ئىلىم بۇلاقلىرى قۇرۇپ، مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنىڭ نۇرلىرى بىر – بىرلەپ ئۆچۈرۈۋېتىلدى، ئىلىم – ئىرپانغا تەشنا مىڭلارچە ياش نوتا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاندى. دېمەك پەلەكنىڭ چاقى يەنە بىز شۇم پېشانىلەرگە تەتۈر چۆرگىلىدى.

بىراق ۋەتەن سۆيەر ئەزىمەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مەسلەكداشلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى ئۇلارنىڭ ياۋۇزلۇقىغا قىلچە بويۇن ئەگمىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي يەنە بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن مائارىپ ھەرىكىتى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ يولباشچى ۋە سەركەردىلىرىدىن ئىدى. شۇڭا خەلقىمىز مائارىپ ۋە ئاقارتىش تارىخىمىزدا ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن بۇ ئوغلانلارنى ھېلىمۇ ھەم يادلاپ تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى، مەڭگۈ ئۆلمەس روھى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتماقتا.

مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى


بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىزدىدىم،
نىيىتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت!
قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى، يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،
ھەقىقەت نە؟ ئادالەت نە؟ بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەريادتا،
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.
ئەل خائىنى، مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.


باردۇر

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز — ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

تەئاۋۇنۇ — تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئورۇپ يىغقانمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانمىز باردۇر.

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلىي، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت – جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئويۇن – چاقچاق تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەك كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،
ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي، ھاڭ – تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»، ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە، خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ – دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە، نەپسى بالا موللىمىز — سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك – تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ئەل – يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

تولۇق بەت