«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.04.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
exmetjan-osman-yaponiye-305.jpg شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ياپونىيەدە زىيارەتتە. 2015-يىلى مارت، كيوتو.
RFA/Qutluq


تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ «ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدە نەشىردىن چىقتى.

ياپونىيە ھوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇقەددەس خانىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان 239 بەتلىك كىتابقا، تونۇلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانغان 87 شېئىر كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى مۇقەددەس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى رەسىملەرنى ياپونىيەدىكى داڭلىق ئانىمە رەسسامى ئودا تاتسۇئو ئەپەندىم بىلەن ئاتاقلىق لاھىيەلىغۈچى ياماشىتا يۇكىئو ئەپەندى سىزىپ بەرگەن.

مۇقەددەس خانىم نەشىرگە تەييارلىغان كىتابقا ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتىمىن ئەلا كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن.

مەمەتىمىن ئەلا مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، قولىڭىزدىكى بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى بولغان ئەخمەتجان ئوسمان زادى كىم؟ كىم بۇ شېئىرلاردا سۆزلەۋاتىدۇ؟ شۇنىڭدەك، بۇ شېئىرلار ئەخمەتجان ئوسماندىن ئىبارەت بۇ شائىر ئارقىلىق نېمىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ؟ دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دەپ يازىدۇ:

«ئەخمەتجان ئوسمان ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئۇيغۇر شېئىيەت تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان، كۆلۈمى زور ۋە تەسىرى چوڭقۇر بولغان بىر ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسىدۇر. ئۇنى بىر ئېستېتىك ئويغىنىش - ئاقارتىس - ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى دېيىش مۇمكىن ئۇ شېئىرلىرىدا ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقتىن ھالقىغان بىر بوشلۇقنى بەرپا قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا شاھ مەشرەپتىكى ئىسيانكارلىق، نەۋايىدىكى نەپىس تىل، ئابدۇلخالىق ئۇيغۇردىكى پىغان ۋە سادىر پالۋاندىكى دەللىك بار»دەپ يازغان.

مۇقەددەس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇقاۋىدىكى ئاي ۋە يۇلتۇز ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلگەن ئۇيغۇرشۇناسلار، تونۇلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلىغا ۋە مەزمۇنىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇلار ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى توپلىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە نەشىر قىلىنمىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.