كەچمىش ۋە ئەسلىمە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014-04-12
Share

قەدىرلىك ئاڭلارمەن دوستلار! «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىمىز بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولى، مۇھاجىرەتتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس كەچمىشلىرىنى ئەسلىمە يولى بىلەن دىققىتىڭلارغا سۇنۇپ كەلدۇق

ھايات ھېكايىسىنى تەقدىم قىلغۇچىلار قانداقتۇر ئالاھىدە شەخسلەر ئەمەس، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەرگە ئوخشاشلا ھەم شەخسىي كەچۈرمىشكە ھەم ئۇيغۇر بولۇشتىن ئىبارەت مىللىي تەقدىرداشلىققا ئىگە ئىنسانلاردۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەسلىمە تارىخقا تەڭ ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى يورۇتىدىغان مۇھىم ماتېرىيالدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز تارىخىنى يېزىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە سىياسىي ھاياتىنى چۈشىنىشتە شەخسلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ھايات ھېكايىلىرى مۇھىم قىممەتكە ئىگىدۇر.

«كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى سېخىيلىق بىلەن ئاڭلارمەنلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن دەرۋازىسى ئوچۇقتۇر. چىنلىق، تەبىئىيلىك، ئەينەنلىك ھەمدە ئۆز بېشىدىن ھەقىقىي ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىش بولۇش - ھېكايە تەقدىم قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان بىردىن - بىر ئۆلچەمدۇر. بۇ سەھىپىگە قاتنىشىۋاتقانلار قانداقتۇر ئاجايىپ - غارايىپ كەچۈرمىشلەرگە ئىگە ئالاھىدە ئىنسانلار بولماستىن، بەلكى ۋەتەنسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىگە مەنسۇپ ئەزالىرىدۇر.

كېلىڭ، سىزمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سەھىپىمىزگە قاتنىشىڭ! ھاياتىڭىزدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئېچىپ بېرىشكە مەلۇم قىممىتى بار دەپ قارىغان كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئانا تىل بىلەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلىڭ! بۇ سىزنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق بۇرچىمىزدۇر!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت