موللا مۇھەممەد تۆمۈر قەشقەرى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ سادىق تىڭشىغۇچىلىرى، ياخشىمۇ سىلەر! بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزگە خوش كەلدىڭلار. ھەممەيلەننىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.

0:00 / 0:00

قەدىرلىك دوستلار! بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن، ھەممىمىز تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان، ئىچىدىكى ھېكايە - مەسەللەردىن ھاياتلىق مەنىسىنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يوللىرىنى، تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئۆگىنىپ كەلگەن بۈيۈك ھەجىملىك ئەسەر «كەلىلە ۋە دەمىنە»نى ئۇيغۇر تىلىغا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 250 يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئەدەبىي تەرجىمان، شائىر، جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنىڭ ھىمايىچىسى بولمىش جامائەت ئەربابى موللا مۇھەممەد تۆمۈر قەشقەرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر. قېنى ئەمىسە، ئالدى بىلەن موللا مۇھەممەد تۆمۈر قەشقەرى ھەققىدە تەييارلانغان ئاۋازلىق ئەسەردىن بەھر ئېلىڭلار.