قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (45)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.09.03
Nizamidin-Huseyin-yashliq-yillirida.jpg نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ياشلىق يىللىرىدا.
RFA/Qutlan

قىرىق بەشىنچى قىسىم: «مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن»

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن نازارەت ئاستىدا داۋالىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدىن ئۆيىگە قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەمما بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ساقچى دائىرىلىرى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىنى داغدۇغا قىلماسلىق ئۈچۈن ئائىلىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىمنى دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتۇرمايدۇ. ۋەتەن ھۆرىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەشكەن بۇ ئىنساننىڭ مېيىتى نازارەت ئاستىدا داغدۇغىسىز، ھازىسىز، سۈكۈت ئىچىدە قارا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خاتىرىسىگە: «مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، مۇقەددەس تۇپرىقىنى سۆيۈپ ياتىمەن،» دەپ يازغان ئىدى:

مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،

مۇقەددەس تۇپرىقىمنى سۆيۈپ ياتىمەن.

ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ،

بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.

ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى،

ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى.

ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ،

نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.

نىزامىدىن ھۈسەيىن بۇ دۇنيادىن كەتتى، ئەمما ئۇ ھاياتىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلارنى، يەنى بارلىقىنى ۋەتەن ھۆرىيىتىگە تەسەددۇق قىلغان بىر روھنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتۈپ ئارىدىن 21 يىل ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ قورال كۆتۈرگەن بىر ئىنقىلابچى، قەلەم بىلەن كۈرەشكەن بىر يازار، كەسكىن بىر تارىخچى ۋە تەجرىبىلىك ئۇستاز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدە كۆيۈمچان بىر ئاتا ھەم تەلەپچان غەمگۇزار ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

بۈگۈن ياۋروپادا ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا خالىق مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1990-يىللاردىكى شاگىرتلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۇستازىنىڭ ھاياتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى بويى خىتاينىڭ رېجىمىغا باش ئەگمىگەن، ۋەتىنىنىڭ ھۆرىيىتىدىن باشقا ھېچنېمە ئىزدىمىگەن بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەرھۇم ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ نامىنى ھەرۋاقىت ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ۋەتەندە ئۆتكەن يىللىرىدا ئەگەر ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بىر شەخس بار دېيىلسە، ئۇ كىشىنىڭ شەك-شۈبھىسىز نىزامىدىن ھۈسەيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە ياش نوتىلارنى تەربىيەلەشتە قانچىلىك كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۇلارنى قانداق ئاسراش ۋە قوغداشنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن 30 يىللىق ھاياتىغا نەزەر سالغىنىدا ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى، يىللار ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ قانچىلىك يىراقنى كۆرىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تېرەن ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ كەسكىن خاراكتېرگە ئىگە بىر تارىخچى شۇنداقلا كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەر بىر دېتالىنى نەزەردىن قاچۇرمايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەدىب ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ياشاشنى، كۈرەش قىلىشنى، مەسئۇلىيەتنى ۋە مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

دولقۇن ئەيسامۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغان ئاشۇ يىللاردا ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆزلىرىگە ھەرۋاقىت ئۈمىد، ئىشەنچ بەرگەنلىكىنى ۋە ۋاز كەچمەسلىكتىن ئىبارەت بىر روھنى ئاتا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىق بۈگۈن مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن، سۆزلەشكەن ياكى بولمىسا يازمىلىرىنى ئوقۇغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆمۈر بويى كۈرەش يولىدىن قايتماسلىقتەك روھىنىڭ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا جاسارەت بېغىشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بىر ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى بولۇشتەك ئوبرازىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاددىي-ساددا، ئاقكۆڭۈل، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىدىغان، قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ھېچكىمدىن ئايىمايدىغان كىشىلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كۆچۈردۈم. راھەت كۆرمىدىم، مىللەتكە خائىنلىق قىلمىدىم، ئەمەل تۇتمىدىم، بىرەر پارتىيەگە ئەزا بولغان تارىخىم يوق. ‹شىنجاڭ گېزىتى› دىن باشقا يەردىمۇ ئىشلىمىدىم. قەلەم بىلەنلا، ئەمگەك بىلەنلا، خاپىلىق، دەرد-ئەلەم بىلەنلا ئۆتتۈم. نۇرغۇن قېتىم ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش پۇرسىتى كەلدى، لېكىن كەتمىدىم.»

(تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.