«يورۇق ساھىللار» سەھىپىسى خەلقىمىزگە سالام يوللايدۇ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى، ئەڭ يارقىن سەھىپىسى- «يورۇق ساھىللار» پروگراممىسى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىمىزدا ۋەتەن ئىچىدە چەكلەنگەن ئەسەرلەر؛ خەلقىمىز تەشنا بولۇۋاتقان نادىر تېمىلار؛ رومان–ھېكايىلەر؛ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەر؛ تارىخىمىزدىكى مەشھۇر شەخسلەر؛ يېقىنقى تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر؛ ئەدەبىي ئوبزورلار؛ ۋەتەن ۋە خەلقنى كۈيلەيدىغان شېئىر–قەسىدە، ناخشا–مۇزىكىلار؛ ئەدەبىيات–سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن تەرمىلەر؛ تەرجىمە ئەسەرلەر؛ كىشىنى ئويغا سالىدىغان، ياپتا مەنىلىك لەتىپە–يۇمۇرلار؛ قىسقىسى، چاڭقاق روھىمىزنى قاندۇرۇپ، ھىجرانلىق قەلبىمىزگە مىسقالچە مەلھەم بولىدىغان، بىزگە ھەر دائىم ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەسلىتىپ، مەنىۋى چاقىرىققا دەۋەت قىلىدىغان، ۋەتەنپەرۋەر، غەيۇر، بىلىملىك، ئاڭلىق ۋە پىداكار بولۇشقا، يەنى بىزنى ھەمىشە ئۆزىمىز بولۇشقا ئۈندەيدىغان ئەسەر ۋە تېمىلار ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ پروگراممىمىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكرىنى بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ.

كونىلار: «كۈننىڭ باشلىنىشى تاڭدىن، ئىشنىڭ باشلىنىشى سالامدىن» دېگەنىكەن. شۇڭا بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزنى ۋەتەن–ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چىن يۈرەكتىن سالام يوللاش بىلەن باشلىدۇق.

سەھىپىمىزگە ئەسەر ئەۋەتىڭ.

ئادرېسىمىز: yoruqsahillar@rfa.org

تېلېفون نومۇرىمىز: 202 -266-4050