ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى.
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇر رايونىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆز يولىدا داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، ئۆز ئەدەبىيات-سەنئىتىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر ناھىيەسىدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلىۋاتقان ئابدۇخالىق مەھۇدۇف قازاستان ئۇيغۇرلىرى يېتىشتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەرىپەتكە، بىلىمگە ۋە چىنلىققا ئۈندەپ كەلگەن، ئۇيغۇرلۇقنى كۈيلەپ، ئۇيغۇرلۇقنى سۆيۈپ كەلگەن يازغۇچىلاردىن بىرى.

ئۇ ئۆزىنىڭ «ئارزۇ» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

«مەن ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم

ساپا كېرەك بىزنىڭ مىللەتكە

-ئۇ مىللىتىن ئۆزگەرتىپ ئاپتۇ،

بولىمەن دەپ كۈچلۈك، ئەمەللىك، -

دېدى بىرى سورۇن ئۈستىدە،

ئاچچىق بىلەن بەكمۇ ئەلەملىك.

-ھە، بار، -دېدى كىمدۇر قۇۋۋەتلەپ، -

ۋىجدانى يوق ئادەملەر بىزدە.»

ئۇنداقتا، ئابدۇخالىق ماھمۇدوف كىم؟

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف 1946-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى يامانلىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1963-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ 1974-يىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى مەدەنىي-ئاقارتىش تېخنىكومىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىراتىدا ئىشلىگەن.

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف تاشكەنت دۆلەت مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىنى سىرتتىن تۈگىتىپ، شۇ بىلىم دەرگاھىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1982-يىلى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان، شۇنداقلا «ئىلھام» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1987-يىلى تاشكەنت دۆلەت مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن كېيىن، يازغۇچى ھازىرقى تالغىر ناھىيەسىنىڭ بېساغاش يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يېڭى ھايات» گېزىتى تەھرىراتىدا ئۇزۇن يىللار ئەمگەك قىلغان. يازغۇچى ئۆزى ياشىغان ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مىللىي مائارىپى، مەتبۇئاتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتنى تەرغىب قىلىش ھەرىكىتىدە چوڭ رول ئوينىغان.

ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ «بىر قېتىم كۈلگەن ئادەم»، «ئەبجەش كۈلكىلەر كۈندۈلىكى»، «بولغان بولمىغۇر ئىشلار»، «بېساغاش ئۇيغۇرلىرى»، قاتارلىق كىتابلىرى يورۇق كۆردى. يازغۇچىنىڭ ئايرىم ھېكايە ۋە ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى ماقالىلىرى «ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى»، «خۇراپاتتىن مەرىپەتكە»، «پەرىزگە ساداقەت» ناملىق توپلاملاردا ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئۆزبېك، قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەدىب تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى، پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ «تۈركىستان قايغۇسى»، ئۇنىڭ نەۋرىسى ئۇۋەيسىخان يازغان «ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي»، شۇنداقلا «كەلىلە ۋە دىمنە»، «ئىسلام دىنى دېگەن نېمە؟» قاتارلىق توپلاملارنى تەرجىمە قىلغان.

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ھېلىھەم قازاقىستاندا ياشاپ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئارزۇ

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف

مەن ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم،

كەچمىشىمگە خورلۇقۇم كېلىپ.

يۈرگىنىمگە قورساقنى توقلاپ،

چىش كوچىلاپ، مەيدىنى كېرىپ.

باغلاۋېلىپ گالغا گالستۇك،

زىيالىي، دەپ يۈرگىنىم بەرھەق.

ئەمدى بىلسەم ئۇشبۇ كۈنگىچە،

قىلماپتىمەن بىرەر ئىشنى تەس.

سالماپتىمەن ئەۋلادىم ئۈچۈن،

بىرەر كۆرۋۈك ئېرىق، ئۆستەڭگە.

يۈرۈپتىمەن تېرەمگە سىغماي،

خۇشال بولۇپ ئويناپ، كۈلگەنگە.

تىكمەپتىمەن مېۋىلىك دەرەخ،

نەۋرىلەر چوڭ بولسا، يېسۇن دەپ.

سالماپتىمەن نە بىر ئىمارەت،

ئۆتۈپتىمەن سېتىپ قۇرۇق گەپ.

شوئار توۋلاپ ئۆتتى بۇ ئۆمرۈم،

زوراۋانغا خۇشامەت قىلىپ.

لەنىتىگە قالغۇم، ئەۋلادىم،

كىملىكىمنى يەتكەندە بىلىپ.

مەن ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم،

ساپا كېرەك بىزنىڭ مىللەتكە

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف

«يىغا ياندىن» چىقسا بۇرادەر،

دەردىمىزنى ئېيتىمىز كىمگە؟

داۋام قىلسا بۇ ھال شۇ تەقلىد،

مىللىتىمىز كەتمەمدۇ ئازلاپ؟

بىر چارىسىن تاپايلى، دوستلار،

كېتىشمىسۇن ساتقۇنلار قاپلاپ.

-بىزگە كېرەك ئەمەس ساتقۇنلار،

كەتسە ياخشى، -دېدىم بۆلەككە.

كۆپەيتمىسۇن ئۇنداقلار ساننى،

ساپا كېرەك ئەسلى مىللەتكە.

قورساق قېپى بولۇپ كەتمىسۇن

ئۇيغۇر دېگەن ئۇلۇغ مىللەت ئەزەلدىن،

ئويلاپ تاپقان كۆتەك ھارۋا، ئورغاقنى.

كەشىپ قىلغان يەنە سىركە، لازىجان،

گىردە توغاچ، ئەتكەن چاي ۋە قۇيماقنى.

يەنە دېسەك ئاغىزلارنى تولدۇرۇپ،

يېيەلمەيمىز مانتىلارنى بولدۇرۇپ.

كۆك چۆچۈرە بىزدە بار، يوق ئۆزگىدە،

ماختىنىشقا ئەرزەر ئاغىز تولدۇرۇپ.

تاماق بىلەن ئۆرە بىزنىڭ بەستىمىز،

شۇڭا دەيمىز «تاماق بىزنىڭ پەخرىمىز.»

ئەي، يارەنلەر، بايقاڭ! بىزنى دورىشىپ،

پوق قورساق بوپ كېتىشمىسۇن نەسلىمىز! . . .

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت