پىداكار شائىر - نىمشېھىت ھەققىدە

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.08.17
NIMSHEHIT.jpg پىداكار شائىر، جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى - نىمشېھىت.
Photo: RFA

بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقا پېشۋالاردىن بىرى شائىر، جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى، يەنى نىمشېھىتنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.

«بېلىم ئىشقىدا» ناملىق ناخشا ئۇيغۇرلار ئارىسىغا خۇددى خەلق ناخشىسىدەكلا ئومۇملىشىپ بولغان، ئۇيغۇرلار سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ۋە ئوقۇيدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى، دەيدۇ نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت. 

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق بۇ مەشھۇر شېئىرنى شائىر 1936-فېۋرالدا قەلەمگە ئالغان بولۇپ، 1980-يىللىرىدىن كېيىن ناخشا قىلىپ ئىشلەنگەن. 

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر شېئىر ئەينى زاماندا بىلىمگە چاڭقىغان ئۇيغۇرلار دۇنياسىدا تېز ئومۇملاشقان.


ئۇنداقتا، نىمشېھىت كىم؟

مەرھۇم شائىر نىمشېھىت 1904-يىلى ئاقسۇ باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ياشلىقىدا كۇچادا مەدرىسىدە ئوقۇپ، 1930-يىللىرى ئەينى زاماندىكى ئېلىم مەركەزلىرىدىن بولغان قەشقەرگە كېلىپ، «خانلىق مەدەرس» تە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىم تەھسىل قىلغان. 

1933-يىلى قەشقەردە مىللىي ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، يارىلانغان ۋە شۇندىن كېيىن، «نىمشېھىت»، يەنى «يېرىم جان» دېگەن سۆزنى ئۆزگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان.

1945-يىلى ئۆكتەبىردە ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ غۇلجاغا كەتكەن.

ھالبۇكى، ئۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان قارا كۈنلەردە مىسلىسىز خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولغان. قاتتىق خورلۇق تۈپەيلى 1971-يىلى 24-ئاۋغۇست بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان. 

نىمشېھىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا «بىلىم ئىشقىدا»، «قىزىم يىغلىماڭ»، «ئۇنتۇما»، «ئالدىدا»، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شىرىن» قاتارلىق شېئىر، داستانلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ قارىشىچە، «ئالدىدا» ناملىق داستان ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپلەشكەن بىر مەزگىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «جانان» ۋەتەنگە تىمسال قىلىنغان ئىكەن.

تۆۋەندە شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىشىدا مەرھۇم شائىر نىمشېھىتنىڭ «ئالدىدا» ناملىق مەشھۇر شېئىرىدىن ئارىيە ئاڭلايمىز.


ئالدىدا

نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 


ۋەسىلدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا، 

ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا. 

بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ-بوستان ئالدىدا، 

تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا، 

يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا. 

دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەسمەن تاغلىرىڭنىڭ تاشىنى، 

سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ باشىنى، 

سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر ياشىنى 

مۇمكىن ئولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قاشىنى ؟! 

قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا. 

سەن ئىدىڭ دۇنيادا بىر ھۆسنى گۈزەل نازۇك بەدەن، 

ئىككىمىزدە باغلىنىش گوياكى ئەردى جانۇ-تەن، 

ئاھ! . . . گۈزەل يار ئوينىغان قەشقەر، كۇچا، يەكەن، خوتەن، 

نېمىلەر بولدى ئىكىن ئىپلاس ئاياغدا پاك ۋەتەن ؟! 

سەن ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنمەس قانچە قۇربان ئالدىدا.

ۋادەرىخا، قايسى كۈندۈز، شۇم رەقىب باستى ئاياق، 

سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق، 

مەن قۇچاقىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەب دەردى پىراق، 

نېمەتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق، 

بىر تىلەمچىدەك قىسىلدىم كۈزدە خامان ئالدىدا.

يىغلادىم شۇندىن بۇيان تۈن-كېچىلەر بىدار بولۇپ، 

رەھىمسىز ئۆگەيگە قالغان قىز يېتىمدەك خار بولۇپ، 

ھەۋزىكەۋسەرنى كېچىبان تامچە سۇغا زار بولۇپ، 

تارلىشىپ كەتكەن جاھانغا سىغمايىن بىمار بولۇپ، 

بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك ساڭدا چاشقان ئالدىدا.

مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئات، 

مەيلى مەھبۇم بېشىدا قانلىق قىلىچىڭ پارقىراق، 

مەيلى ۋەھشىيلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات، 

ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات، 

ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا.


كۈرىشىم ھېچ توختىماس تا قەترە قانىم قالغۇچە، 

تەسىرىڭنى يوق قىلۇرمەن قەلبىم ئارام تاپقۇچە، 

ئەزرائىل «پۈتتى ئىشىڭ» دەپ تاكى جانىم ئالغىچە، 

تەن سوۋۇپ يۈرەك، تومۇر، قان، ھەرىكەت توختالغىچە، 

شۇندا ئەۋلادىم تۇرار دەۋاغا سۇلتان ئالدىدا.

مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمىدنى ئۈزمىگىن، 

دۈشمىنىڭنى ئۇر! پەقەت ئەركىنغىنا يۈرگۈزمىگىن، 

ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى-ئىشرەت تۈزمىگىن، 

شۈم رەقىبگە باغلىرىمنىڭ مېۋىسىن ئۈزگۈزمىگىن، 

پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل-گۈلىستان ئالدىدا. 

ئەر ئەمەسمەن تاكى دۈشمەننىڭ قېنىن ئاققۇزمىسام، 

خائىنلارنىڭ ئەيىبىنى كۆكسىگە تاققۇزمىسام، 

ئوت زەھەرلىك نەشتەرىلە ئۆزىنى چاققۇزمىسام، 

«ئەللەي ئېتىپ» يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام، 

شۇندا «مەرد» نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا. 


1946-يىل ئاۋغۇست، غۇلجا

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.