ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى ۋە خىتاي
2012.01.18
بۇ ماقالىنى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم يازغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: 2012-يىلىنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ئامېرىكا دۆلەت رەئىسى باراك ئوباما، يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلدى. 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى پرېزىدېنت ئوباما، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لىئون پانېتتا، ئامېرىكا گېنېرالى مارتېن دېپسىي ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن پېنتاگوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت ئوباما سۆزىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ھازىرقى يەرشارى ۋەزىيىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئەڭ تاقەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كۈچنىڭ ھەربىي تەلىم -تەربىيە، باشچىلىق قابىلىيىتى ھەم قورال -ياراق ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى ھەم زامانىۋى قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلەندۈرىدۇ. خامچوتنىڭ كېمەيتىلىشى مۇھىم ساھەلەردىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى ئوكيان تەشكىلاتى قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
ئەركىن ئەكرەم بۇ ماقالىسىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سىياسىتى شۇنىڭدەك خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.