باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى 'ۋولت سترت ژۇرنىلى'دا 17 - ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقى ھەققىدە تەھلىل ئېلان قىلغان ئىدى. 18 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى'دە باشماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا قارىتا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بۈگۈنمۇ ۋولت سترت ژۇرنىلى بۇ ھەقتە يەنە بىر تەھلىل ئېلان قىلغان ئىدى، خىتاي شەخسىيلەرنىڭ نامىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى.
ئامېرىكىنى ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاۋاتقان زور كۈچ دەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھازىر گېپىنى ئۆزگەرتتى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سېرىق دېڭىزدا ۋە شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مەشىقلەر ھەققىدە 'ۋالىت سترت ژۇرنىلى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي ئورنىنى بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاۋاتقان بىر زور كۈچ دەپ ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى تامامەن ئۆزگەردى.
خىتاي خەلقئارا دېڭىز قانۇنى ۋە رايون خاراكتېرلىك كېلىشىملەرگە خىلاپلىق ھالدا ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشماقتا
خىتاي، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سېرىق دېڭىزدا ۋە شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مەشقلىرىگە قارىتا ئىپادىلىگەن ئىرادىسىدىن قارىغاندا، ھازىر جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەسىگە كىرگۈزۈۋالغان ۋە ئۆز - ئۆزىگە بەرگەن بۇ 'ھوقۇق' بۇيىچە، شەرقى دېڭىزنى ۋە سېرىق دېڭىزنى ئۆزىنىڭ 'دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ يادروسى' دەپ جاكارلىماقتا. خىتاي رەھبەرلىرىمۇ، يازما باياناتلىرى ياكى ئاغزاكى جاكارلىرىدا، خەلقئارادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان دېڭىز قانۇنى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك كېلىشىملەرگە تامامەن خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئوچۇق قارشىلىشىشقا باشلىدى.
خىتاي بىرەر باھانە تاپسىلا، دەرھال تەيۋەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاشقا تەييار
'ۋالىت سترت ژۇرنىلى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى 'ئامېرىكا خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتىدۇ' دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىن، ھىندونېزىيىلەرنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە ئەركىن كىرىپ - چىقىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ مەقسەت ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىنى چۆكتۈرۈش ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇر سېستىمىلىرىنى پاچاقلاش ئۈچۈن ھەرخىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى 'راند' شىركىتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھازىر بىرەر باھانە تاپالىسىلا، دەرھال تەيۋەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.
سېرىق دېڭىزغا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئەركىن كىرىپ - چىقىش ھوقۇقى بار
'ۋالىت سترت ژۇرنىلى'دا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خەلقئارا دېڭىز قانۇنى بۇيىچە سېرىق دېڭىزغا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئەركىن كىرىپ - چىقىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىر سېرىق دېڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنى كىرگۈزمەسلىككە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە تامامەن خىلاپ.
ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى توساش ئىرادىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
'ۋالىت سترت ژۇرنىلى'دا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەربىي كۈچ جەھەتتە ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە. دېڭىز تەۋەلىكى ھەققىدىكى خەلقئارا قانۇنلار ھازىر خەلقئارادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۈنۈملۈك قانۇن. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن قانۇنى ۋە ئامېرىكا - ياپونىيە ئىتتىپاقى قاتارلىق كېلىشملەردە بەلگىلەنگەن قانۇنى مەجبۇرىيىتى بار.
ھازىر ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توساش ئىرادىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.