ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى قاتتىق بىر تىل بىلەن يەنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈرك لېدىرنىڭ بۇ ئىنكاسى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە شۇنداقلا تۈرك جامائىتى ئارىسىدا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-10-12
Share

ئەمما تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بولسا بىر مەھەل سوۋۇپ قالدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىگە ئارقا - ئارقىدىن ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا تىرىشتى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىمۇ ھەم مانا شۇلارنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا تۆمۈر يول، تېخنىكا، تاشيول قاتارلىق 8 ساھە بويىچە كېلىشىملەر تۈزۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 2015 يىلىغا كەلگەندە 50 مىليارد دوللارغا چىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى ۋە ھەتتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك سۆز ئىبارىسىمۇ ئىشلىتىلدى.

مەلۇم بولغاندەك، تۈركىيە ئەزەلدىن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن. ئەمما، خىتاي بۇنىڭغا ئانچە يېقىن كەلمىگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك خاھىشىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنداقتا نېمىشقا شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بەرپا بولمىغان بۇ ئىشەنچ ۋە بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە قاتتىق بىر تىل ئىپادە قىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئېشىپ قالدى ؟ بىز بۇ سوئالنى تۈركىيىدىكى دۆلەت ئەربابى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندىدىن سورىدۇق.

ئۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

-- 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەن كۈچلۈك جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە خىتايغا " ئىرقىي قىرغىنچىلىق " دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈرك جامائىتىنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتكەن تەلىپىنى بىجا كەلتۈردى. ئەردوغان ئۇ ۋاقىتتا مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى سۆزلەرنىمۇ قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئەمەلىيلەشمىدى. ئەلۋەتتە ئەمەلىيلەشكەن بولسىدى، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە جىددىي دەرىجىدە زىيان يەتكەن بولاتتى. ئەمما، مەيلى نېمىلا بولسۇن، خىتاي تۈركىيىنىڭ بۇ قاتتىق پوزىتسىيىسىنىڭ خەلقئارادا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر ياراتقانلىقىنى كۆردى. شۇڭا خىتاي قولىدىكى ئەڭ مۇھىم كوزىرى بولغان ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەر كوزىرىنى ئويناشقا باشلىدى. يەنى خىتاي تۈركىيە بىلەن مۇھىم تىجارىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىمىز بولغان بولسىدى، تۈركىيە 5 - ئىيۇل ۋەقەلىرىگە ھەرگىزمۇ بۇنداق ئېغىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولاتتى دەپ ئويلاپ، تۈركىيە بىلەن يېقىن ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىنى تاللىدى. يەنى ھازىرچە كۆرۈنۈۋاتقان سەۋەب مانا بۇ.

بۇ قېتىم ئىككى باش مىنىستىرنىڭ ئورتاق باياننامىسىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئاساسەن تىجارەت ئۈستىدە توختالدى. ئەمما خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بولسا تىجارەتتىن باشقا يەنە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ نىشانىنىڭ يەنىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ. سىزچە ئەردوغان خىتاينىڭ تېررورغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش تەلىۋىنى قوبۇل قىلدىمۇ؟

-- ياق. مەن ئۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالاندى ياكى بىرەر ماددا تۈزۈلدى دەپ قارىمايمەن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قىلغان ھەرقانداق بىر پائالىيىتى، ھەتتا ئاددىيغىنا بىر يىغىلىشىمۇ خىتاي ئۈچۈن بىر تېررورلۇق پائالىيەت دەپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى خىتاينىڭ تېررور ھەققىدىكى تەبىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، جۈملىدىن تۈركىيىمۇ بىلىدۇ. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش دېگىنى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ھەرىكەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا ئۇنى قوللايدىغانلارغا قارشى كۈرەش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركىيىمۇ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەنچە بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئەكەلمىدى. بولمىغان بولسا ئەردوغان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق باياننامىسىدا تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش دېگەن سۆزنى قىلغان بولاتتى. چۈنكى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قىلغان سۆزلىرىدە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش دېگەن سۆزنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما، خىتاي بىلەن ئۇچرىشىشتىكى سۆزىدە ئۇ ئىبارە يوق.

سىزچە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغانمىدۇ؟
 
-- ناتايىن. چۈنكى تۈركىيە باش مىنىستىرى مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بىرسى. پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەمەس، باشقا تۈركىي خەلقلەر مەسىلىسىدىمۇ ئۇ ھەردائىم ئىچكى سىياسەتتە باشقا خىل، تاشقى سىياسەتتە باشقا خىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن. ئۇياقنىڭ ئادىتى شۇنداق. مەنچە بۇ مەسىلىدىمۇ يەنە شۇ پوزىتسىيىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. تۈركىيىدىكى ئىچكى سىياسەتتە خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتايغا ئېغىر بىر تىل ئىشلەتكەن باش مىنىستىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغىنىغا ئانچە ئىشەنمەيمەن.

ئۇنداقتا خىتايچۇ؟ خىتاي تەرەپمۇ قويمىغانمىدۇ سىزچە؟

-- خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭمۇ ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى خىتاي مەيلى خالىسۇن، مەيلى خالىمىسۇن، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق ۋەقەگە تۈركىيىدىكى خەلق ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتتە بولۇپ، خىتايغا قارشى ھەردائىم بىر جامائەت پىكرى مەۋجۇتتۇر. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىر ۋەدە ئالغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى خىتايمۇ بىلىدۇ. ئەگەر تۈركىيە رەھبەرلىرى خىتايغا "ياق، بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھېچنېمە دېمەيمىز، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلمايمىز،" دەپ ۋەدە بەرگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. چۈنكى ۋاقتى كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر ۋەقە بولسا، تۈركىيىدە بۇنىڭغا قاتتىق جامائەت پىكرى ھاسىل بولىدۇ. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت بېشىدا مەيلى ھازىرقى پارتىيە ياكى باشقا پارتىيە بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەن بۇ جامائەت پىكرىگە قارىتا بىر ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر. يەنى تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان غەزىپىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. خىتايمۇ بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ ئېھتىمالدىن ئۇزاق.

ئاخىرىدا، سىز بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىر كەلگەن سەۋىيىسىگە قانداق باھا بېرىسىز؟

-- بۇ يەردە مەسىلىگە پەقەت تىجارىي جەھەتتىن باھا بېرىش كېرەك. خىتاي ھازىر دۇنيادىكى مۇھىم تىجارەت ئىمكانىغا ئىگە دۆلەت ھالىغا كەلدى. تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن مىليارد دوللار قىممىتىدە تىجارىتى بار. تىجارەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، تۈركىيىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان ئېكىسپورتىنى ئارتتۇرۇشى تۈرك ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتايمۇ تۈركىيىنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىنى يەنى ھېچ بولمىغاندا قوللىنىدىغان ئىبارىسىنى يۇمشىتىشنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇندىن كېيىن مۇناسىۋەتلەر مۇشۇ ئاساستا داۋام قىلىدىغاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت