بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۈمىد ئۈزەلمەيدۇ؟ (2)

بىز ئالدىنقى كۈنكى پروگراممىمىزدا، بۇ تېمىدا ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. ئۇ ئاساسلىقى، بېيجىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ھاۋا پەرقىنىڭ، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا توپلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە بەزى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى تولۇق چۈشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.24

ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى بولسا، مەزكۇر ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ، سەۋەب خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىدە دەپ قارىغۇچىلاردىندۇر.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا ياشاۋاتقان ئابلىمىت تىلەك ئەپەندى، مەسىلىگە پەرقلىق نۇقتىدىن قارىغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىتىنى بىلمەي قېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار بېيجىڭدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئەمەس، بەلكى بېيجىڭغا بىر تەلەي سىناپ كەلگەنلەر. ناھەقچىلىكلەرگە باش ئىگىشنىڭ ئورنىغا، نەتىجىسى نېمىلا بولسا بولسۇن بىر ھەرىكەت قىلىپ بېقىشقا تىرىشىۋاتقانلار.

ئابلىمىت ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان جاۋابىدا، مۇنداق دەيدۇ: "بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردا ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئاخباراتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق. يەنى، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشتىن قورقماسلىق. بۇنداق بىر جاسارەت، بۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىكنى بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقا قاتلاملىرىدا ئۇچرىتىش ناھايىتى قېيىن، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە."

ئابلىمىت ئەپەندى خېتىدە مۇلاھىزىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "ئۇلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىي، دائىرىلەر بىلەن قارشىلىشىش جاسارىتى، يامان ئەھۋالدىمۇ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىكتەك، ئىجابىي خاراكتېر بار. مانا بۇلار، ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا توپلىنىشى ۋە ئەرزىدىن ۋاز كەچمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى."

ئابلىمىت ئەپەندى خېتىنىڭ ئاخىرىدا، ئەرزدارلار مەسىلىسىنىڭ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەنچە كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى ھايات بىلەن تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى ھايات ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق. بۈگۈن بېيجىڭدا كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا يېتىپ خارلىنىۋاتقانلار، بىر كۈنى ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشى، ۋە ئىنتىقام ئېلىش شەكلىدە ھەرىكەت قىلىپ قېلىشى مۇمكىن."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.