كانادادىكى كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تۈگەشتىمۇ؟

كانادا فېدېرال پارلامېنتىدا كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى فېدېرال پارلامېنت سايلىمىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تۈگەشتىمۇ-قانداق دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى.

0:00 / 0:00

شۇڭا يېقىندىن بېرى، كانادانىڭ فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆبەك شتاتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە «كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى» مەزكۇر شتاتتا بىر يۈرۈش مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئالدىنقى يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئىشلار ئوڭغا تارتماي، مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شۇڭا بەزى كۆزەتكۈچىلەر كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تۈگەشتى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا يەنىلا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

جوكېلينې دانىئېللې كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇ كۆبەك خەلقىنىڭ قەلبىدە يېنىپ تۇرغان مۇستەقىللىق ئوتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ:
‏-بىزنىڭ يېڭىۋاشتىن سۆزلىشىش-سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىزنىڭ ئۆزى قايتىدىن ئۆملۈك-ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە كۆبەكنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بىز ئىتتىپاقلىشالىساقلا كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز،‏ دەيدۇ.

ئەمما مۇلاھىزىچىلەر، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇيۇشۇشتىن ئىبارەت ئەڭ نېگىزلىك نەرسىنىڭ كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىدە يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا، كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىدىن بولغان 5 نەپەر كۆبەك شتاتى پارلامېنت ئەزاسى پارتىيىسىدىن ئايرىلدى ۋە ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پارتىيىگە تەۋە بولمىغان، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ پارتىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 40 % بولغان بولسا، نۆۋەتتە بۇ سان 24% گە چۈشۈپ قالدى. پارتىيىنىڭ بەزى ئاساسلىق ئەزالىرى بۇ ھالەتكە نارازى بولۇپ، «يېڭى كۆبەك ھەرىكىتى پارتىيىسى» دېگەن ئىسىم بىلەن يېڭى بىر پارتىيىمۇ قۇرۇپ چىقتى. قىسقىسى كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى نۆۋەتتە پارچىلىنىش، بۆلۈنۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇڭا ئۇلار، بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋامنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىق ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئاۋامنىڭ كۈچى بىلەن كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يېڭىۋاشتىن جانلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقتا.

كانادادىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولۇش-كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىنىڭ سىياسىي پروگراممىسىدا يەر ئالغان. بۇ پارتىيە كۆبەك شتاتىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىككىلا قېتىمدا، كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى. كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى مەزكۇر شتاتتا، ئەگەر قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئۈچىنچى قېتىم ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلدى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، نۇرغۇنلىغان كۆبەكلىكلەرنىڭ كۆڭلىدە كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. يەنى مۇستەقىللىق دېمەك-كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى دېمەكتۇر دېگەن ھالغا كەلدى. شۇڭا كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

لېكىن كۆبەكلىك بىر ياش:
‏-شۇنداق، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۆلدى. ئەمدى كۆبەكنىڭ مۇستەقىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. خەلقمۇ بۇ يۈكنى كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ،‏ دەيدۇ.
كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ھالاكەتكە يۈزلەندى نەزەرىيىسى ئالدىنقى يىلى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان شتات خاراكتېرلىك پارتىيە بولۇپ قالماستىن، بەلكى كانادا فېدېرال پارلامېنتىدىمۇ كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلەيدىغان پارتىيىدۇر.

بۇ پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قېتىمقى سايلامدا، فېدېرال پارلامېنتتا خېلى كۆپ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلگەنىدى. ئالدىنقى سايلام كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىگە ئېغىر مەغلۇبىيەت ئاتا قىلدى. ئۇلار ئەسلىدىكى فېدېرال پارلامېنتتىكى 47 ئورۇندىن بىراقلا 4 كە چۈشۈپ قالدى. يەنى ئۇلار پارلامېنتتىكى 43 ئورۇندىن ئايرىلدى. بۇ بىر پارتىيە ئۈچۈن كۆتۈرگۈسىز قاتتىق زەربە ئىدى.

ئۇنداقتا، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

كۆبەكلىك سىياسىي ئانالىزچى چرىستىئان بوئۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ:
‏-كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى سىياسىي پارتىيە ئىچىدە سولچىلارمۇ، ئوڭچىلارمۇ بار. ئۇلار مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئورتاق غايىنى چىقىش قىلغاندىلا، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى تالاش-تارتىش، غۇم-ئاداۋەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىلى بولىدۇ،‏ دەيدۇ.

كۆبەكلىك سىياسىي ئانالىزچى چرىستىئان بوئۇر، كۆبەكلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقتىن قولىنى يۇيۇپ، كاناداغا مايىل بولۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا قوشۇلمايدۇ. ئۇ:
‏-كۆبەكلىكلەرنىڭ سىياسىي تاللاش خاھىشى ئەسلىدە فېدېرالچىلار ۋە مۇستەقىلچىلەر دەپ ئايرىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، سولچىلار ۋە ئوڭچىلار دەپ ئايرىلدى. يەنى ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئەسلىدە كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىگە ئاۋاز بەرگەنلەر بۇ قېتىمقى سايلامدا، سولچى «يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى» بىلەن ئوڭچى «كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى» گە ئاۋاز بەردى،‏ دەيدۇ.

ئۇنداقتا، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى زادى ھالاكەتكە يۈزلەندىمۇ-يوق؟

بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس:
‏-گەرچە، كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 30% گە يەتمىگەن، مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن ئاز بولغان بولسىمۇ، لېكىن لىبېرال پارتىيىسى، كۆبەك شتاتىدا 10 يىل ئۇدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاچقا، خەلق ئۇلاردىن زېرىكتى. 2013-يىلىدا مەزكۇر شتاتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا،لىبېرال پارتىيىسىنىڭ قايتىدىن سايلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ شتاتتا فېدېرالىزمنى ياقلايدىغان لىبېرال پارتىيىسىدىن باشقا، ئىككىنچى بىر چوڭ پارتىيىمۇ يوق. مۇبادا كۆبەكلىكلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە،مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشتىن ۋاقتىنچە ئۆزلىرىنى تارتقان تەقدىردىمۇ، لېكىن كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.

شۇڭا، كۆبەك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتى ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ دىگۈچىلەر-كۆبەكلىكلەر پارتىيىسىلا زاۋاللىققا يۈز تۇتمىسا، كۆبەكنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.