خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرى مەسىلىسىدە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان " بېيجىڭ باھارى " ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرياد ئەپەندىلەر بىردەك ھالدا، نۆۋەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن سۆز ئېچىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەر ئىككى مىللەتنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەقسىتى نېمە ؟
ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، گەرچە كىشىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا ئىزچىل تۈردە جىددىي چىڭ تۇتۇپ كەلمەكتە. 6 - دېكابىر كۈنى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەسىس قىلىپ، بۇ ئۆمەكنىڭ جەنۇبقا قاراتقان سەپىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە مەزكۇر ئۆمەكنىڭ تۇنجى بېكىتى خوتەن ۋىلايىتىدە دوكلات بەرگەنلىكى، دوكلات يىغىنىغا نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە دېھقانلار قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە يەنە، 7 نەپەر نەمۇنىچىنىڭ " ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش"، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىنى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆزلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بىراق، چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان " مىللەتلەر ئىتتىپاقسىزلىقى" نى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرياد مۇھەممىدى ئەپەندى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك مەۋجۇت بولمىغان شارائىتتا، تەرغىب قىلىنىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى سۈنئىي ئۇسۇلدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ساختا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان " بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈزەكى ھالدا " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەشۋىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان زىددىيىتى ۋە ئىككى مىللەت ئارىسىدا كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن ئۆچمەنلىكنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، " خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىسى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ رايونغا قاراتقان ھەربىي سىياسىتى نەتىجىسىدە، خەلق بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ۋەھىمە ئىچىدە قورقۇپ ياشىماقتا. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى ناچارلىشىش مەيدانغا كەلدى " دېدى.
پەرياد مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىككى مىللەت ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئىتتىپاقسىزلىق دەل ھاكىمىيەتنىڭ توغرا بولمىغان سىياسىتى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەۋجۇت بولغان بولسا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
"بېيجىڭ باھارى " ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىب قىلىشتىكى مەقسىتى، بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بۇراش، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىش سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى" خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش" دېگىنى ئەمەلىيەتتە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى ياخشى بىر باھانە بولۇپ، يولغا قويۇۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارى دەل خەلق ئاممىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت "