بىلىم تەتقىقات ۋەخپى باشلىقى ئادنان ئوكتار بىلەن سۆھبەت
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.10
2008.06.10

RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ كىتابلار ھازىرغىچە 60 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ بەزى كىتابلار، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ `كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان` ناملىق ئەسىرى، تۈركچە، ئېنگىلىزچە، نېمىسچە نەشر قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئادنان ئوكتار ئەپەندى قۇرغان بىلىم تەتقىقات ۋەخپى نامىدا بىر ۋەخپىمۇ بار بولۇپ، بۇ ۋەخپىنىڭ تۈرك، ئېنگلىز ۋە نېمىس تىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تور بەتلىرىمۇ بار.
بۇنىڭ ئادرىسى www.doguturkistan.com.
بىز بىلىم تەتقىقات ۋەخپىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئادنان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.