سۈرىيىدىكى قەتلىئاملار داۋام قىلماقتا
2012.05.21

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەسەد ھاكىمىيىتى نامايىشنىڭ مەركەزلىرىدىن بولغان ھەمس، ئىدلىب، ھامات شەھەرلىرىدە ۋەھشىي قەتلىئاملارنى ئېلىپ بېرىش ۋە مۇھىم شەخسلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىپ خەلقنى قورقۇتۇپ، نامايىشتىن، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشتىن ۋاز كەچكۈزۈشنى خىيال قىلىدىكەن.
ئەمما، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىيالى ئەمەلگە ئېشىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، خەلقنىڭ روھىيىتى كۈچلەنمەكتە ئىكەن. نەتىجىدە، خەلق ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىدىن قورقۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش باسقۇچىغا يەتكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 21-ماي كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى ھەمد ماجىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «ئەسەد دىكتاتورى ۋە تەدرىجىي ئۆلۈم» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«بەششار ئەل ئەسەد دىكتاتورى ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى ئەمەس، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارلىرىمۇ ئەمەس، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىمۇ ئەمەس، ھەتتا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەسەدنى قوللاشتىن يېنىۋېلىشىمۇ ئەمەس. بەلكى ھەقىقىي تەھدىت بەششار ئەل ئەسەدنىڭ روھىيىتىدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە يېڭىلىشتۇر. بۇ چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغان چىرايىدىن، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىككى كۆزىدىن ۋە ۋىجىكلىشىپ قالغان ۋۇجۇدىدىن مانا مەن دەپ نامايان بولۇپ تۇرماقتا. ئەسەد ھاكىمىيىتىمۇ خۇددى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ئۆزىدەك بولۇپ قالغان. بۇ شۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدۇكى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى بەك ئاز قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ غالجىرلىقى ھەدەپ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلىنىپ قالغان.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىكتاتور خەلقىنى قىرىش بەدىلىگە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ھەققىنى تۆلەيدۇ. سۈرىيىدە ھازىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى بار. ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، قەست بىلەن ئۆلتۈرۈش، تۇتۇش، قىيناش، پارتلىتىش، ئوت قويۇش، تىرىك كۆمۈۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلماقتا. ھەتتا ئۆكتىچىلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن بىر ئەسكەرنىڭ يانفونىدىن چىققان رەسىمدە، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچى خەلقنى باغلاپ، ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قاتتىق ھەربىي ئاياغلىرى بىلەن يۈزلىرىگە، قورساقلىرىغا دەسسەپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشلىرى تېپىلغان. يەنە بىرىنىڭ يانفونىدىن ئەسكەرلەرنىڭ بىر ئادەمنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۈستىگە تۇپراق تاشلاپ كۆمۈۋەتكەن ۋىدىئو كۆرۈنۈشى تېپىلغان. دېمەك، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى خەلقنى قىيناشتىن ھۇزۇر ئېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن بۇ ۋەھشىيلىكلىرىنى يانفونلىرىغا چۈشۈرۈۋالغان. مۇنداق بىر ۋەھشىيلىك قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟ ئۇ قانداقمۇ داۋام قىلىدۇ؟ بۇ دېگەنلىك خۇددى كازافىيدەك تۈگىشىشنىڭ بېشارىتى ئەمەسمۇ؟»