تۈركىيىنىڭ نەتىجىسىز ئىشقا كۈچ سەرپ قىلماسلىقى ئۈچۈن مەسلىھەت

تۈركىيە تاشقى ئىسلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلىنىڭ تېھرانغا بېرىپ، ئىرانلىقلارنى ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى تۈگىتىپ، تىنچلىق يولىنى تۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.07.18

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 14-ئىيۇل سانىدا، مەشھۇر يازغۇچى سالىھ ئەل قالاب دېگەن كىشى تەرىپىدىن «تۈركىيىنىڭ نەتىجىسىز ئىشقا كۈچ سەرپ قىلماسلىقى ئۈچۈن مەسلىھەت» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىران ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئېلى خامىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا «بەھرەيىندە بولۇۋاتقان نامايىشلار ھەققانىي كۈرەشتۇر. ئەمما سۈرىيىدە چىققان نامايىشلار يولدىن ئازغانلارنىڭ ئىشى» دېگەنلىكى، ئىران قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەھمەد جەننەتىنىڭ «بەھرەيىندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرى تەقدىرلەشكە لايىق ئەمەس، مۇسۇلمانلار بۇ دۆلەتنى قولىغا ئېلىشى كېرەك» دېگەن سۆزى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ پەيلىدىن يانمىغانلىقىنى ۋە ئەرەبلەرنىڭ بېشىنى بىئارام قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىرانلىقلار ئېتىقاد قىلىدىغان شىئە مەزھىبىدە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يوشۇرۇپ، كىشىلەرگە نىقاب بىلەن مۇئامىلە قىلىش پەرزدۇر. شۇڭا ئۇلار دۇنيا سىياسىتىگە ماسلاشقان ھالدا چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شىئە مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭ شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ماقامىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن يولسىزلىقلارنى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تۈركىيە تاشقى ئىسلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلىنىڭ تېھرانغا بېرىپ، ئىرانلىقلارنى ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى تۈگىتىپ، تىنچلىق يولىنى تۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئىرانلىقلار ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەرگە ئىچكى يۈزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاغزاكى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئەمەل قىلمايدۇ. بۇ بىر قانچە قېتىم قايتىلانغان ئىش. ئىرانلىقلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى شىئەلەرنى تېھراندىكى دىنىي رەھبەرنىڭ قول ئاستىغا كىرگۈزۈش ۋە ئىران سىياسىتىنى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشماقتا. ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا ئىراق، لىۋان، بەھرەيىن ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاز سانلىق شىئەلەرنى بىۋاسىتە تېھران سىياسىتىگە قۇلاق سالىدىغان مۇخلىسلاردىن قىلىپ بولغان. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ مىسالى لىۋاندىكى ھىزبۇللاھچىلار بولۇپ، ھىزبۇللاھچىلار 1980-يىللاردا سۈرىيىدىكى ئىران باش ئەلچىسى مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرى دېگەن كىشىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىران تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي ھەرىكەت پارتىيىسىدۇر. بۇ ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە نوپۇزىنى كېڭەيتىش يولىدىكى دەسلەپكى قەدىمى ئىدى.»

ئىران پەيلىدىن يانغىنى يوق

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزسىلغان: «ئىراندا 1979-يىلى باشلانغان ئىسلام ئىنقىلابى توختاپ قالغىنى يوق. ئۇلار ئاخىرقى غەلىبىسىگە يېتىش ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلماقتا. بەھرەيىننىڭ تىنچلىقى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈردۇر. بەھرەيىندە چىققان نامايىشلار ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ قولى بارلىقى ھەممىگە ئايان.

ئىران بۇ ۋەزىيەتتە تۇرسا تۈركىيىنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىران ھاكىمىيىتىنى ئەرەبلەر بىلەن زىتلىشىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغانلىقى پايدىسىز ئىشتۇر. شۇڭا تۈركىيە بۇنى بىلىشى كېرەك ۋە كۈچىنى بۇنداق ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا نەتىجىلىك ئىشلارغا قارىتىشى لازىم. چۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ تۈركىيىدىن كۈتىدىغانلىرى كۆپ. شۇنداقلا تۈركىيە ياخشىلىق كۈتۈشكە تامامەن لايىق بولغان بىر دۆلەت بولۇپ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ.

تۈركىيە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، خۇسۇسەن ئەرەب قوشنىلىرىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلاشقا يېتەرلىك سەۋىيىگە كەلگەن بىر دۆلەتتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا بىر قانچە ئەرەب دۆلىتى  ئىران بىلەن بولغان ئۆتمۈشتىكى زىددىيەتلەرنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ، ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن يېڭىدىن دوستلۇق ئالاقىسى قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سەمىمىيەت بىلەن ئېلان قىلدى. ئەمما ئىران تەرەپتىنمۇ مۇشۇنداق سەمىمىي قوبۇلنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.