چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ نەتىجىسىگە قانداق باھا بېرىدۇ ؟

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، 19 ‏- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان چەتئەللىك سودىگەر ۋە مېھمانلار سانىنىڭ كۆپلۈكى، ھەتتا يەرمەنكىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ يىلدىن - يىلغا كېڭىيىپ، خەلقئارا سەۋىيىسىنىڭ ئاشقانلىقى، بۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرىدىغان ئىقتىسادىي نەتىجىسىنىڭ چوقۇم يۈكسەك بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.09.02

ئەمما ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى توغرىسىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ قېتىمقى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا چەتئەللەردىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ۋە ئىقتىسادشۇناسلار قانداق باھا بېرىدۇ ؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان "ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ 19 ‏- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەزكۈر يەرمەنكە ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا 4 خىل ئالاھىدىلىك تەرىپلەنگەن بولۇپ، بىرىنچى، يەرمەنكىدە چەتئەللىكلەر ئالغان يايما ئورنى تۇنجى قېتىم 100 دىن، چەتئەللىك مېھمان، سودىگەرلەر سانىنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقى، ھازىرغا قەدەر 22 دۆلەت ھەمدە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى تەشكىلات، كارخانىلار ئالغان يايما ئورنى 117 كە يەتكەنلىكى، ۋېيتنام، سىرىلانكا، گرېتسىيە كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ يەرمەنكىگە قاتناشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىككىنچى، يەرمەنكىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىرى ئالغان يايما ئورنى بۇرۇنقىدىن كۆپ بولغان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە دېگەن نامدا 19 ئۆلكە، ئۆلكە ئاپتونوم رايون ۋە كارخانىلار ئالغان يايما سانى 712 گە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، بىڭتۇەن، كارخانىلار ئىگىلىگەن يايما ئورنى 471 گە يەتكەن.

ئۈچىنچى، يەرمەنكە مەزگىلىدە خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ، تۇنجى قېتىم يەرمەنكىدە " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا كۈنى" پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

تۆتىنچى، يەرمەنكىنىڭ مۇلازىمىتىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چەتئەل كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان. چەتئەل سودىگەرلىرىنى كۈتىۋېلىش ئورۇنلىرى كۆپەيتىلگەن. ھەتتا ئايرودرومدا چەتئەل سودىگەرلىرىنى كۈتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. 15 مېھمانخانىنى چەتئەل سودىگەرلىرىگە كىنىشكا بېجىرىش ئورنى قىلىپ بېكىتكەن.

19 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا تەرەققى قېلىپ، يالغۇز خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يەرمەنكىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادى پايدىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. تەشۋىقات ۋاستىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار بويىچە بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇرۇنقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، چەتئەل مېھمان ۋە سودىگەرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، يەرمەنكە مەيدانىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى ئومۇمەن يەرمەنكە ئارقىلىق خىتاي ئىچى سىرتىدىكى سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ بۇ خىل ئىجابىي نەتىجىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قانداق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى ؟

ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد بىلىملىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى پەرھاد بىلگىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كەمسىتىشى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سودا يەرمەنكىلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، 19 ‏- نۆۋەتلىك "ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى"دە، تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى شۇنىڭدەك چەتئەللىك مېھمان ۋە سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىشقا مەخسۇس مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.