ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ تۈرك دۇنياسى پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ھەققىدە ئىنكاسلار

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركىيىدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر دىيارىغا قايتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركىيىدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2012-يىلى مارت، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركىيىدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2012-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇلار 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، سامسۇن قاتارلىق شەھەرلىرىدە 10 مەيدان ئويۇن قويۇپ تۈرك تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئويۇنلىرىدا «شىنجاڭ رايونى» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتتى ۋە نومۇرلىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، تاجىكچە، خىتايچە ۋە موڭغۇلچە نومۇرلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى.

20 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۇيغۇرنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلمىغان خىتاينىڭ بۇ يىل 45 كىشىلىك بىر ئۆمەكنى تۈرك دۇنياسى نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشىدىكى مەقسەت نېمە. بۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت