ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.09.08
2010.09.08

RFA Photo / Arslan
ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش مەيلى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بولسۇن، مەيلى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن ئۇزۇندىن بۇيان قىزىقىپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر نۇقتا.
يېقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان "ئۇيغۇر پەن - مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە دېگەن تېمىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزالايدىغان، كاناداغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى تىلغا ئالىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئاجىز بولغاچقا بۇ خەلقئارا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتا نەتىجىسىز قېلىۋاتىدۇ."
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلسا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاشماسلىق پەرقلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇستەقىللىق يولىدا ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدا قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.