ياپونىيىدە "ياپونىيە خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولىدۇ" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

يېقىندا ياپونىيىنىڭ مىللەتچى نەشرىياتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان سانكىن شىنبۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن "ياپونىيە خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولىدۇ" ناملىق 5 بابلىق بىر كىتاب نەشر قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010.12.16
yaponiye-xitayning-aptonomiyesi-305 ياپونىيە سانكىن شىنبۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان "ياپونىيە خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولىدۇ" ناملىق 5 بابلىق كىتاب
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر كىتاب ياپونىيە جەمئىيىتىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى تادانوبۇ باندوئۇ ئەپەندى ياپونىيە قوراللىق ساقچى قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەت توكيو جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدە خىتاي تىلى تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ ياپونىيىدە خىتاي كۆچمەنلىرى سادىر قىلغان 1400 دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان.

كىتابنىڭ ئاپتورى ھازىرمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان، ئاتاقلىق خىتاي تىلى تەرجىمانىدۇر.
ئۇنىڭ ئەسىرىدە ياپونىيىگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، پاكىتلار ۋە شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا تۇتقان يۇمشاق قول سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىلەر بار بولۇپ، بۇ ياپون جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان.

كىتابنىڭ ئاپتورى ياپون ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتايغا يۇمشاق قول سىياسەت ئېلىپ بارسا، ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ياپونلارنىڭ تارىختا ھېچبىر ۋاقىت مۇستەملىكە بولۇپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىمى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.