ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.09.13
2010.09.13

RFA Photo / Ekrem
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئالايىتەن گېرمانىيىگە كېلىپ، د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن. بۇ قېتىم گېرمانىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيىلىكلەر ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ميۇنخېن شەھىرىدە بىر ھەپتىگە يېقىن تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار ئىگىلىگەندىن تاشقىرى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە ماتېرىيال توپلاشقا تىرىشقان.
ياپونىيىلىكلەرنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قىزىقىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن تارىخىي مەلۇماتلار بار. 80 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە ماددىي مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ھېسداشلىق بولغان ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇ.
2000 - يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ 2008 - 2009 - يىللىرىدىن باشلاپ، ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىگە بولغان ھېسداشلىقى باشقىدىن كۈچىيىپ باردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىللەردە، ياپونىيىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم سابىق باش مىنىستىرلىرى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاش ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان ئىدى.
د ئۇ ق باش كاتىپى ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىككى ئامىلنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىرىنى، "ياپونىيىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل جەھەتتە بەزى ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى" دېدى. ئۇ يەنە، ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىۋاتقان ئىككىنچى سەۋەبنىڭ سىياسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيە پاسپورتلىرىغا ئېرىشىش مەسىلىلىرى ھەل بولۇۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ھەم خىتاي تەھدىتىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقان ياپونىيىنىڭ، خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىش خاھىشى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.