مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا نەشر قىلىنغان ياپونىيەدە سېتىلىش سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان «ھەقىقەتنى ئاشكارىلىمايدىغان مەتبۇئاتلار » ناملىق خىتاي، كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن، ئەمما يۇقىرىقى دۆلەتلەر مەخپىي تۇتۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىغان مەزكۇر ژۇرنالدا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى ئۈستىدە ئۆزگىچە ئۇچۇرلار بىلەن تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ماقالىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ شۇ يىلى 26-ئىيۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە بارغان ئىككى يۈز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالتە مىڭ نەپەر خىتاي پۇقراسى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى، دېيىلگەن.
ماقالىدە 2009-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. چۈنكى تىنچلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشتا،نامايىشچىلار ساقچى، ھەربىي، قوراللىق ساقچى ۋە ئالاھىدە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان دەپ قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىشىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش، كېڭىيىپ نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئون مىڭغا يەتتى- دېيىلگەن ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشقا «توپىلاڭ» دەپ باھا بەرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋەقەدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىغا سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا ئىش ئېلىپ باردى دېگەن قاراشلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
ئەمما مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلغان ژۇرنال، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە باھا بېرىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئەمەسلىكىنى، نامايىشچىلارنىڭ پەقەت شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا قانۇنىي يوسۇندا ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى تىنچلىق نامايىشىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىپ، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي ھالدا توي قىلىشقا زورلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە 5-ئىيۇلدىكى نامايىشتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يالغاندىن كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ،«خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى قوزغاپ، خىتاي پۇقرالىرىنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلغان، نەتىجىدە نامايىشتىن ئىككى كۈن كېيىن خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ بايان قىلىنغان.
ماقالىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا بىر نەچچە يۈز دەپلا ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما نامايىشتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللانغان باستۇرۇش ئۇسۇلىغا ۋە نامايىشقا قاتناشقان شاھىتلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياپونىيەدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ ھەقىقىتى» ناملىق ژۇرنالدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە شۇ قېتىملىق نامايىشنى باستۇرۇشقا 30 مىڭدىن ئوشۇق ساقچىنىڭ قاتناشقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
مەزكۇر ماقالىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش دەپ باھا بېرىلگەن.
2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياپونىيەدە ئاكتىپ قوللاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى يۈكى خانىم يۇقىرىقى ژۇرناللاردىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى، ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئالغاچقا، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئەمما قىرغىنچىلىققا قاتناشقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ساقچى، ھەربىي ۋە باشقا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سانىغا قارىغاندا مەن ئەلۋەتتە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتىكى يۇقىرى رەقەملەرگە ئىشىنىمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.