«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ داۋاملىق ئېچىلىۋاتقان ئىچ يۈزى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.07.07
urumchi-weqesi-5-iyul-herbiy-1.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 5-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AP

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس زور بىر ۋەقە.

ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى 2009-يىلى 5-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە باشلانغان. شۇ كۈنى مىڭغا يېقىن كىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي قوۋۇق، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا توپلىنىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار قوشۇنى بارغانچە زورىيىپ، كەچ سائەت 9 لاردا تەخمىنەن بىر قانچە مىڭغا يەتكەن. قاراڭغۇ چۈشكەندە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى بىلەن نامايىش توپى تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ قالايمىقانلاشقان. نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بەزى جايلاردا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى كوچا-كوچىلارغا قاپساپ باستۇرغان. شۇ كۈنى قاراڭغۇ چۈشىشى ھامان پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېلېكتىر، تور ھەمدە تېلېفون لېنىيىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن. خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى كېچىچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە تازىلاش ئېلىپ بارغان.

ئىككىنچى كۈنى، يەنى 2009-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورى قىسقا خەۋەر ئېلان قىلىپ، «-5ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ «مىللىي بۆلگۈنچى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› نىڭ قوماندانلىقى بىلەن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇزۇش-چېقىش، بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسى» ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى «جىددىي بىر تەرەپ قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تىنچ ئۇسۇلدا ئىنتايىن تەرتىپلىك ھالدا نامايىش باشلىغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ، پەقەت «شياۋگۇەن ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەلەپ قىلغان. دەرۋەقە، ئۈرۈمچىدىكى بۇ نارازىلىق نامايىشنىڭ ئوت پىلتىسىئۈرۈمچىدىن بەش مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى شياۋگۇەندە-6 ئاينىڭ26-كۈنى يۈز بەرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىدى.

«شياۋگۇەن ۋەقەسى»

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر توققۇزاقتىن گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق فابرىكىسىغا ئىشچىلىققا ئېلىپ بېرىلغان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر فابرىكىغا قەدەم بېسىپ 2 ئاي ئۆتمەستىن، خىتايلارنىڭ تۇيۇقسىز كالتەك-توقماقلىق كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «بۇ ۋەقەدە ئىككى ئۇيغۇر ئۆلگەن ۋە 118 ئۇيغۇر يارىلانغان» دەپ خەۋەر بېرىدۇ. تەرەپسىز ئاخباراتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 18 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلگەن، يۈز نەچچە ئۇيغۇر يارىلانغان.

ئەينى چاغدا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپلۈكىنى، خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېرىم كېچىدىن تاڭ ئاتقىچە توسالغۇسىز ۋە دەخلىسىز داۋام قىلغانلىرىنى، ساقچى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشتىن ھېچكىم كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىشقان ئىدى.

«شياۋگۇەن ۋەقەسى» دە بىر توپ غالجىرلاشقان خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشلىرى، نەق مەيداندا ئۇنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار تەرىپىدىن خىتاي تور بەتلىرىدە ھەپتىلەپ تارقىتىلىپ يۈرگەن.

ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىدىيولارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىمىگەن. تور دۇنياسىدىمۇ نامايىشنىڭ ھامان پارتلاپ چىقىدىغانلىق شەپىلىرى بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلغان. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەندە يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى، ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

5-ئىيۇلدىكى مۇدھىش كېچە-ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەر نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ-5 ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش يۈز بېرىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى ۋە بىر سىرلىق سۈيىقەست پىلانلىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئاسىيە خانىم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن 12 بۇرۇنقى 5-ئىيۇل كېچىسىنىڭ قاباھەتلىك بىر قانلىق كەچە بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاسىيەنىڭ بايان قىلىشچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇ باشقا بىر دۆلەتكە خىزمەت بىلەن كاماندروپكىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن كۈنىىنىڭ ئەتىسى ئىكەن. ئۇ شۇ كۈنىدىكى نامايىشقا يەنئەن يولىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يەۋېتىپ شاھىد بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ساقچى ۋە قۇراللىق قىسىمىلىرى تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ شۇ كۈنى كېچىسى ئۈرۈمچىنىڭ توكى كېسىۋېتىلىپ، ئوق ئاۋازلىرىنىڭ تاڭ يورۇغىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىم ئىلگىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولۇپ كېيىن ئۆچۈرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ھازىرمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ لېچۈەن نۇتۇقىدا «-5ئىيۇل ۋەقەسى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسەتلىك چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىپ: «سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا ھۆكۈمەت بار، ھەرگىز قورقماڭلار» دېگەندەك سۆزلەنى قىلىپ ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشىقا كۈچكۈرتكەن ئىكەن.

«-5ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدە ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان «ئىزچى» تەخەللۇسىدىكى بىر ئۇيغۇر شاھىتمۇ شۇ كۈنىدىكى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەردە پەيدا بولۇپ، مەلۇم بىر بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغاندەك ھالىتىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

خىتاي-5 ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان

خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 12-يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇل كۈنىدە ئۈرۈمچىدە نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، دۇنيانىڭ جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلاش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى، يەنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقى» نىڭ 12 يىللىقىغا توغرىلاپ، بېيجىڭدا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 12-نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچقان. بۇ يىغىندا بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئاتالمىش «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» خىتايلارنى سەھنىگە چىقىرىپ، شۇ كۈنىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى» ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېگەن: «بىز غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› نى ئۆزگەرتىشىگە يول قويماسلىقىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەنى ‹تىنچ نامايىش› ۋە ‹جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى› دەپ ئېنىقلىما بېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ قىممەت قارىشى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ بايان قىلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

شۈ گۈيشياڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە جەمئىي 197 ئادەم قازا قىلغانلىقى، 1700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقى، 331 دۇكان ۋە 1325 ماشىنا چېقىلىپ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقى» يۈز بەرگەندە ئىتالىيەدە دۆلەت زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، G8 باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دەرھال بېيجىڭغا قايتقان ۋە بۇ ۋەقەنى دەرھال باستۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئاسىيە خانىم «-5ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ ۋەقەدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، خىتاي ئۆزى شۇ قېتىملىق ۋەقەنەىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالغان، ئاندىن يەنە ئاتالمىش «جىنايەت» نىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى تۈركۈملەپ قىرغىن قىلغان، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

(داۋامى بار)

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.