كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىيوسى ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى كونترول قىلماقچى بولدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.13
abdurehim-heyt-video.jpg تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈلۈپ، ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋىدىيودىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
Social Media

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر 8-فېۋرال كۈنىدىن ئېتىبارەن تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇپ ئېلان قىلغان تۇنجى باياناتىدىمۇ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قايغۇلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بۈيۈك نومۇس»، دەپ تەكىتلەنگەن مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بولغان «جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى» نىڭ تۈرك تىلى بۆلۈمى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ تىرىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىر ۋىدىيو تارقاتتى.

26 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدىيودا ئابدۇرېھىم ھېيىت ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە «بۇ يەردە ھېچقانداق مەجبۇرلاش ياكى زورلاش بولمىدى» دەپ قوشۇمچە قىلىدۇ.

مەزكۇر ۋىدىيو تارقالغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى، تۈرك جامائىتى ۋە ھەتتا خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ۋىدىيو يەنىمۇ كۆپ سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «يۇقىرىدىكى ۋىدىيو ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى جەزىملەشتى» دېدى. ئۇ شۇنداقلا يەنە: «بۇ ۋىدىيو ئۇنىڭ ھايات ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىشارەت قىلسىمۇ ئەمما خىتاي بۇ ئارقىلىق 2 مىليونچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ» دېدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىمۇ خەۋەر قىلىندى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەنىڭ «ئابك نەۋس» قانىلىغا قىلغان سۆزىدە: «مەن بۇ ۋىدىيونىڭ راست بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ساقلىقىنى ئىسپاتلاشتىكى بىردىن-بىر يولى ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن، دوستلىرى بىلەن ۋە مۇخبىرلار بىلەن چەكلىمىسىز ھالدا سۆزلىشىشىگە يول قويۇشىدىن ئىبارەت» دېگەن.

بۇ ۋىدىيونىڭ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى سەۋەبلىك تۈركىيەدە ناھايىتىمۇ زور جامائەت پىكىرى قوزغالغان ھەم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتتىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغايدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىدىيو ئارقىلىق تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيۆس ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىنى كونترول قىلماقچى ۋە تۈركىيەنى مات قىلماقچى بولدى. چۈنكى، تۈركىيە ئۆزىنىڭ باياناتىدا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قىسقىسى بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان سەۋەبسىز سولاپ قويۇلغانلىقىدەك بىر پاكىتتىن يۆتكەش ۋە جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت.»

ماگنۇس فىسكەسيۆس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى بۇ زور نارازىلىق ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق جىددىيلەشكەن ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ 25 سېكۇنتلۇق ۋىدىيونى تارقىتىپ نارازىلىق كەيپىياتىنى يۇمشاتماقچى بولغان. گەرچە ئۇ ئەمدى خەلقئارانىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلارغا ئالدانمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پاكىتلارنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ ئەمما ئۇ «ئابدۇرېھىم ھېيىت يەنە سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىشى مۇمكىن» دەيدۇ. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرى بار شەخسلەرنى مەجبۇرىي سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەلۇم بىر جىنايەتلەرنى بوينىغا ئېلىشقا قىستايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلنى ئابدۇرېھىم ھېيىتقىمۇ ئىشلىتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيىتنى يەنە تەھدىت ۋە قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋاملىق سۆزلىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. خىتاي بەلكىم ئەمدىكى ۋىدىيوسىدا ئۇنى مەن بىر جاسۇس، بىر تېررورچى ياكى ئۈچ خىل كۈچ دېگۈزۈشى مۇمكىن. خىتاي يەنە باشقىلارنىمۇ سۆزلىتىشى مۇمكىن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن بىر ئۇسۇل. يۇقىرىدىكى بۇ قىسقا ۋىدىيونى مەن ناھايىتى زور بىر ئالدىراشلىق ئىچىدىلا چىقىرىلغان، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ داۋامى ئەمدى چىقىشى مۇمكىن»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ۋە باش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان رەسمىي باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، «ئابدۇرېھىم ھېيىتقا ئائىت جۈملىلەرنىڭ ئۇ باياناتنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باياناتىنى يالغانغا چىقىرالمايدۇ»، دەپ كۆرسەتتى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن خىتاينىڭ خەلقئارالىق بېسىم ۋە جامائەت پىكىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مانا بۇ، بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر خۇلاسە بولۇشى كېرەك» دېدى ۋە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى تۈركىيەدەك كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.