ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىماقتا
2015.09.25

نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنغان ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان 67 سېكۇنتلۇق بىر سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
سىن كۆرۈنۈشىدىكى تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن بىرقانچىلىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىغا جايلاشقان ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ دۇكىنىغا زورلۇق ئىشلەتكەن.
مەزكۇر دۇكاننىڭ ئاچا-سىڭىل ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قىز تەرىپىدىن قانۇنلۇق رەسمىيەتلەر بويىچە ئېچىلغانلىقى مەلۇم. دۇكاننىڭ سىرتىغا ئېسىلغان ئېلان تاختىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دۇكان ئۇيغۇر خېرىدارلار ئۈچۈن توي گىرىمى ۋە توي سۈرەتلىرى بويىچە كەسپىي مۇلازىمىتى قىلىدىكەن.
ھالبۇكى، خىتاي ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن بازار باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر خادىملىرى ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي دۇكاننىڭ ئېلان تاختىسىنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ سۆكۈپ كەتكەن.
بۇ خىلدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان بازار باشقۇرۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىش دېگەندەك ئىدارىلەرنىڭ خادىملىرى ئاۋات ئۇيغۇر كوچىلىرىدىكى دۇكان ۋە تۈرلۈك تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان تاختىلىرىنى قومۇرۇپ ئېلىپ كەتمەكتىكەن.
ئۇ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كوچا ۋە رايونلاردىكى تالاش-تارتىش ھەم جېدەل-ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇر ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئالدىغا سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۈرۈمچىدىن يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2004-يىلىدىن بۇيان شەھەرلىك ۋە ھەرقايسى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەردە «قانۇننى ئىجرا قىلىش» نامىدا مەخسۇس ئىدارە ياكى ئىشخانىلار تەسىس قىلىنغان. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن چەكلىمىسىز ھوقۇققا تايىنىپ، بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە شەخسلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تەرتىپكە سالىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كوچىلاردىكى دۇكان ۋە شەخسىي تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئاتالمىش «تەرتىپكە سېلىشى» نىڭ تىغ ئۇچى ئاساسەن جەنۇبتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن قوغلىۋېتىش ئىكەنلىكى مەلۇم.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.