ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزى (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.26
xitay-ali-mektep-imtihani-305.png ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىشكە كىرىپ كىتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار
AFP


1980 - يىللاردا ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىنى ئۆلچەيدىغان «تېرمومېتىر» دەپ قارالغان ئىدى.

بۈگۈن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ سەزگۈر سىياسىي مۇنبەرگە ئايلانغانلىقى، مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن تارتىپ تاكى ھەرقايسى فاكۇلتېت ۋە دەرسخانىلارغا قەدەر سىياسىي «سېنزور» لارنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزىدىكى يوپۇقنى قايرىدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەكتەپ مەمۇرىيىتىدە بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرى شۇنداقلا ساھىت بولغان بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئۇنىۋېرسىتېت» دېگەن يوغان ۋىۋىسكىنىڭ ئاستىدا باشقىلار ھېس قىلالمايدىغان ياكى ئىچ يۈزىدىن خەۋەردار بولالمايدىغان سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك سېنزور ياكى «تور» مەۋجۇتكەن.

بۇ «تور» مەكتەپ پارتكومىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پارتكوم ئىشخانىسىدىن تاكى ھەرقايسى فاكۇلتېت پارتىيە گۇرۇپپىلىرى، ئىتتىپاق شۆبە كومىتېتلىرى، سىياسىي يېتەكچىلەر شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدىكى سىياسىي ئاكتىپلارغىچە قەدەر يېيىلغان ئىكەن.

مەزكۇر كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئادەتتە ھەرقايسى فاكۇلتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل كۈزىتىش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن «كۆز - قۇلاق» لار بولىدىكەن. بۇنداق ۋەزىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە مەكتەپ پارتكومى قارىمىقىدىكى مەخسۇس كىشىلەرگە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىيى - ئىدىيەۋىي خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارغا تىنىمسىز ئۇچۇر يەتكۈزىدىكەن.

ئۇلارنىڭ يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلىرى ئادەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتى، كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى كۆپرەك مۇنازىرە قىلىدىغان سۆھبەت تېمىلىرى، ھۆكۈمەتكە بولغان كۆزقارىشى، سىياسىي مەيدانى ھەمدە مايىللىقى قاتارلىقلار بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقى، روزا تۇتۇۋاتقانلىقى ياكى باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقى؛ قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ سىياسىي جەھەتتە قانداق مەيداندا ئىكەنلىكىدەك مەلۇماتلارنىمۇ يوللاپ تۇرىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يەنە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سۆزلىگەندە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى، دەرسنى ئۇيغۇرچە ياكى خىتايچە سۆزلەۋاتقانلىقى ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن - ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان «كۆز - قۇلاق» لار بار ئىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ خىل ۋەزىپە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياخشى ئىش ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارخىپىغا «سىياسىي جەھەتتىكى تۆھپىلىرى» يېزىلىپ، كېيىنچە ئۆستۈرۈش ئوبېيكتى قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
rahile-dawut-illustration.jpg
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.