دونالد ترامپنىڭ يېڭى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.11.10
donald-trump-naraziliq-namayish.jpg دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئەتىسى كالىفورنىيە شتاتىدىكى نامايىشچىلار، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 2016-يىلى 9-نويابىر.
AFP

پۈتۈن دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ كېلەر يىلى يانۋاردا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققۇسى مەزمۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىمۇ كىشىلەرنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بەلگىلىك ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە چوڭ ئىختىلاپ مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللەردىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى بىرقىسىم ئانالىزچىلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاساس قىلغان يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەشكىل تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىم دونالد ترامپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە ئۆز قىياسىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان مەمەت توختى باشقىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قايسى دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئۆز ‏- ئارا سېلىشتۇردى.

ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئۆزىنىڭ سايلام بېلىتى تاشلىغاندىكى تۇيغۇلرىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ دونالد ترامپقا بېلەت تاشلىغانلىقىنى، ھازىرقى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر ئېيتقاندەك، دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، ئۇيغۇرلار ياكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يامان بولىدۇ، دەپ ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

مەمەت توختى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا باھالاشتا نوقۇل ئەھۋاللارنى ئۆلچەم قىلىۋېلىشنىڭ بىرتەرەپلىمە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېتىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، جۈملىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ دونالد ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن ئۆز ‏- ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسارايدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بولسا داۋاملىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.