پروفېسسور شان روبېرتىس: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتماقچى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.21
Ean-Roberts-George-Washington-University.jpg دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 26-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جورجۇ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شان روبېرتىس «شىنجاڭدىكى ۋەھىمە ۋە نەپرەت: 21 ‏-ئەسىردىكى ئېتنىك تازىلاش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېر تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى ئانالىز قىلغان. ئۇ بىر شاھىتنىڭ لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن يازغان بۇ ماقالىسىدە لاگېرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە شەكىللەندۈرگەن روھىي ھالەتنى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى يەتمەكچى بولغان نىشاننى نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇ لاگېر ئىچىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر پسىخىكىلىق جازالارنى تىلغا ئالغاندا تۇتقۇنلارنىڭ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىدىيىلىرىنى يادلايدىغانلىقى، خىتايچە ئۆگىنىدىغانلىقى، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەش، يېرىم كېچىدە قوپۇپ دەرس ئاڭلاش قاتارلىقلاردىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشىنىڭمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئىشارەتلىشىشىگىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بىر-بىر مىسال قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى «مۇتلەق يالغۇز قالدۇرۇش ياكى مۇتلەق ئايرىۋېتىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ تولىمۇ ئېغىر بىر خىل پسىخىك قىيناش ئىكەن. شۇڭا ئۇ لاگېردىكى بۇنداق «نورماللاشتۇرۇلغان» كۈندىلىك پسىخىك جازالاش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەت ئەمەلىيەتتە تەن جازاسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغانلىقتىن، لاگېرلاردا تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان تەن جازالىرىدىن سۆز ئېچىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى مەخسۇس ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

ئۇ لاگېر ئىچىدىكى تۇتقۇنلاردىن سىرت، لاگېر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان بىر شارائىتتا كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بىر تەھدىت ئىچىدە ياشىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بېسىملىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى شان روبېرتىسنىڭ ماقالىسىدە ھازىر پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچراۋاتقان ئېغىر روھىي زەربىنىڭ ياخشى يورۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى ئېغىر روھىي زەربىنىڭ نورماللاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئادەتتىكى بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. مەنچە، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. دېمەك، ھېچكىم بۇ قورقۇنچتىن مۇستەسنا ئەمەس. نورماللاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ پسىخىك جازانىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بېرىدىغان زەربىسىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئېنىق.» 

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ شان روبىرتىس بۇنى «خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتماقچى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ئىسلامنى يوقىتىش، جەمئىيەتتىكى سىياسىي سادالارنى جىمىقتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇش، پەقەت دۆلەت قوبۇل قىلالايدىغان ناخشا، ئۇسسۇل ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلەردىن باشقا بارلىق ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن.»
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پىلانى خۇددى ئۇلار قەشقەرنى بىر قۇرۇق مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ بىر سۈنئىي مەدەنىيەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ يېڭى بىر تۈرى ئىكەن. 

شان روبېرتىس بۇنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەم 21‏-ئەسىرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى تەمىنلىگەن كونترول قىلىش ئىمكانىيىتى ھەم شۇنداقلا ئۆتمۈشتىكى ۋەھشىيلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن يېڭىچە بىر ئېتنىك تازىلاشقا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئوبيېكتى زېمىن بولماستىن، بەلكى شۇ ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر. يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي تازىلاشتا سېربلار شۇ زېمىندىكى باشقا مىللەتلەرنى تازىلىغان ئىدى، ئەمما شىنجاڭدا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى تازىلاشقا كىرىشكەندەك قىلىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدىن، قىممەت قاراشلىرىدىن تاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شۇ كىشى ۋە ياكى شۇ جەمئىيەتتە پەيدا قىلىدىغان ئەگەشمە ئاقىۋەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساراھ خانىم مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بۇنداق تاندۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۇچرىغانلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ئېغىر روھىي ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، بالىلىرىمۇ ئوخشاش زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، بىر ئائىلە ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ توقۇلمىسى زىيانغا ئۇچرىدى دېگەن گەپ. بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن. شۇڭا بىز بۇ لاگېرلاردا زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەنلىكىگە قاراپلا مەسىلىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى ئاساسەن زور قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلىشىپ كەلگەن.» 

ساراھ خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە دەرھال تەدبىر ئېلىشقا، بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى.

شان روبېرتىس ئەپەندىمۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر ئېلىدا 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەزىيەتنى قانداق ھەل قىلىش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كېلەچەك ئۈچۈن بېرىدىغان بىر ئىمتىھانى» دەپ كۆرسەتكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.