ئاۋسترالىيە ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك جەنۇبىي يېرىم شاردا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى سېيدنىي، مېلبورىن، ئادېلايد قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە توپلىشىپ ياشىغاندىن باشقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار يەنە كانبېررا، بىرىسبېن، گولد كوست، پېرس قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ياشىماقتا.
ئۇنداقتا، ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن سېيدنىي، مېلبورىن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز سىدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركلەرنىڭ ئوبىن مەسچىتى ۋە بۇنرېك مەسچىتىدە رۇزى ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇق. نامازدىن چىقىپ بىر يەرگە يىغىلىپ بىر-بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەشتۇق، ئۇندىن كېيىن ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە ئۆز-ئارا ھېيتلاشتۇق.»
ئۇ يەنە ھېيتلىشىشنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئارىمىزدىن ئايرىلغانلار ۋە پېشقەدەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال-ئەھۋال سورىدۇق، ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەنە شۇنداق ئۆتتى. بۈگۈنمۇ ياشلىرىمىز توپ-توپ بولۇپ ھېيتلاپ كېلىپ بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.»
مېلبورىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان قاسىمجان ئەپەندى رۇزى ھېيت نامىزىدا ۋەتەن ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مېلبورن شەھىرىدە 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈنى ھېيت قىلدۇق. ھېيت نامىزىنى دەندېنوڭ رايونىدىكى سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىدە ئوقۇدۇق. نامازغا ئاز دېگەندە 70-80 دەك ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، ھېيت نامىزىدا ۋەتەن ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دۇئالارنى قىلدۇق.»
ئۇ يەنە نامازدىن كېيىنكى ھېيتلىشىش ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نامازدىن كېيىن مەسچىت ئەتراپىدىكى چوڭلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلاپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدۇق، ئۇندىن كېيىن بالىلىرىمىزغا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە مىللىي بايراملىرىمىز ھەققىدە چۈشەنچە بەردۇق شۇنداقلا ئۇلارغا سوۋغات تەييارلىدۇق.»
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىم ئادېلايد شەھىرىدىكى رۇز ھېيت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئىماملار شۇراسىنىڭ قارارى بويىچە 6-ئاينىڭ 5-چارشەنبە كۈنى رۇزى ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇق. روزى ھېيت نامىزى ئەبۇبەكىر سىدىق مەسچىتىدە 1500 دىن ئارتۇق جامائەتنىڭ ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ۋە ئەر-ئايال شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار قاتناشتى. نامازغا ئۆزىمىزدىن چىققان دىنىي ئۇستازىمىز ئابدۇسالام قارى ھاجىم ئىمامەتچىلىك قىلدى، ئۇ نامازنىڭ خۇتبىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇردى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە دۇئالارنى قىلدۇق.»
نۇرمەمەت ئەپەندىم يەنە ھېيتلىشىش ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نامازدىن كېيىن بىز جەمئىيىتىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭلارنى، مۇسىبەت ئېگىلىرىنى ۋە تۇل ئاياللارنى ئالدى بىلەن يوقلىدۇق. بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن باشلانغان بۇ ھېيتلىشىشىمىزنى تاكى خۇپتەن نامىزىغىچە داۋاملاشتۇردۇق. بىز بۇ كۈننى بىر-بىرىمىز بىلەن ھال مۇڭ قىلىش، كۆڭۈل سوراش، ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، بالىلىرىمىزغا قىممەتلىك ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە دىنىي يۇسۇنلىرىمىزنى ئۆگىتىدىغان گۈزەل پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ھېيت تەنتەنىسى بىلەن ئۆتكۈزدۇق.»
ئاۋستىرالىيەگە يېڭىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئابدۇلئېزىز ئەپەندىمۇ رۇزى ھېيت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاۋستىرالىيەگە تۇنجى قېتىم كەلگەندىمۇ رۇزى ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھېيتلاشقان ئىدۇق، بۇ قېتىممۇ خۇددى ۋەتەندىكىدەك ھېيتلاشتۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ۋەتەنداشلىرىمغا قىزغىن سالام يوللايمەن.»
ئاۋستىرالىيەدە روزى ھېيت گەرچە رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتى يەنىلا قىزغىن ھېيتلىشىپ، مىللىي ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00